ئەركىن تۇنىياز 2023-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى قاتتىق قوللۇق سىياسەتلەرنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىدىن شەپە بەرگەن

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يېقىندا 2023-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىدا، ئۆتكەن 5 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزۈلۈپ كەلگەن مەجبۇرىي ئەمگەك، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى، تەربىيەلەش لاگىرلىرى ۋە ئاتالمىش تېررولۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە قولغا كەلتۈرگەن ئاتالمىش «نەتىجە»لىرىنى سۆزلەپ ئۆتكەن.

ئۇ ئۆتكەن بىر يىلدا قولغا كەلگەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتلارنى تىلغا ئالغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېشىنچە ئەمگەك كۈچى نامىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىش مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «شەھەر - بازارلاردا 461 مىڭ 500 كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق، يېزىلاردىكى ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرىدىن سىرتقا يۆتكەپ ئىشلىگەنلەر 3 مىليون 32 مىڭ 400 ئادەم قېتىمغا، تۈرلۈك كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەنگەنلەر 2 مىليون 168 مىڭ ئادەم - قېتىمغا يەتتى.»

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017- يىلى لاگېرلارنى يولغا قويۇش بىلەن بىرلىكتە يەنە «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىپ، ئۇنى خىتايچىلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى قاتتىق كۈچەيتكەن ئىدى. ئەركىن تۇنىياز ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىدا، بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئۆتكەن بىر يىلدا شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈردۇق. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتۇق. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش، ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئالاقە باغلاش پىلانى، ھەر مىللەت خەلقى ئارىلىشىپ تەرەققىي قىلىش پىلانى، ساياھەت ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدۇق.» دېگەن.

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلىدۇق. ئىجتىمائىي مۇقىملىق خىزمىتىنى قىلچە بوشاشتۇماي چىڭ تۇتتۇق. قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى كۈچەيتتۇق.»

ئەركىن تۇنىياز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بۇندىن كېيىن قىلىدىغان خىزمەتلىرى ھەققىدە توختالغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھازىرقى مەۋجۇت سىياسەتلەرنىڭ ئوخشاش داۋام قىلىدىغانلىقىدىن شەپە بەرگەن. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق «نەتىجىلىرى»نى سىجىل مۇستەھكەملەيدىغانلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىك قارىشىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقى، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»نى يەنىمۇ چىڭىتىدىغانلىقى، نېفىت - گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسىپىنى راۋاجلاندۇرىدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنى ئاشلىق، چارۋا – مال، مېۋە – چېۋە بازىسى قىلىپ چىقىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.