ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز باشچىلىقىدىكى بىر ئۆمەكنىڭ يېقىندا ۋېنگىرىيەدە زىيارەتتە بولغانلىقى، ئەمما بۇ زىيارەتنىڭ ۋېنگىرىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەخپىي تۇتۇلغانلىقى ئاشكارىلانغان.
ۋېنگىرىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى تومپوس مارتون (Tompos Márton) نىڭ ئېكس (X) ، يەنى ئىلگىرىكى تىۋىتتېردە ئاشكارىلىشىچە، ئەركىن تۇنىياز بىر قانچە كۈن ئاۋۋال ۋېنگىرىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرى مارتون ناگى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لېۋېنتې ماگيار، دۆلەت مەجلىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ساندور لېزساك ۋە پارلامېنت ئەزاسى مونىكا دۇناي قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن.
تومپوس مارتون «ئېكىس» ، يەنى تىۋىتتېردە ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ زىيارەتنى قەستەن يوشۇرغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. ئۇ، «ئەركىن تۇنىياز، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىدە مەسئۇلىيىتى بار، دەپ قارا تىزىملىككە ئېلىنغان بىر خىتاي ئەمەلدارى، ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان بىر دۆلەت ئەسلىدە بۇنداق بىر كىشىنى قارشى ئالماسلىقى كېرەك» دەپ يازغان.
تومپوس مارتون تىۋىتىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قورقۇنچلۇق مۇئامىلىسى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەرگەن.
ئەركىن تۇنىيازنىڭ ۋېنگىرىيەدىكى رەسمىي زىيارىتىگە ئائىت كۆرۈنۈشلەر «شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى» نىڭ خىتايچە قانىلىنىڭ 11-سېنتەبىر كۈنىدىكى خەۋەرلىرىدە تارقىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما ۋېنگىرىيەدىكى ھېچقانداق تاراتقۇ تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنمىغان ئىكەن.
ۋېنگىرىيەدە تارقىتىلىدىغان «VSquare» ناملىق خەۋەر تورى بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئەنگلىيە، فىرانسىيە، بېلگىيەگە قىلماقچى بولغان زىيارىتى قاتتىق نارازىلىق سەۋەبىدىن بىكار قىلىۋېتىلگەن ئىدى. بىراق ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان (Viktor Orbán) باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت بۇنى مەككارلىق بىلەن ھەل قىلغان. ئۇلار ئەركىن تۇنىيازنىڭ زىيارىتىنى ئۇ كېلىشتىن بۇرۇنمۇ ھەم كېيىنمۇ ئاخباراتلارغا خەۋەر قىلمىغان، ئەمما باش مىنىستىر يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن ئەركىن تۇنىيازنى قىزىل پايانداز سېلىپ كۈتۈۋالغان» .
ۋېنگىرىيە پارلامېنت ئەزاسى تومپوس مارتوننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇچرىشىشتا ۋېنگىرىيە-خىتاي ئىككى تەرەپ بىر پويىز لىنىيەسى قۇرۇلۇش تۈرىگە ئىمزا قويغان. بۇ لىنىيە ئۇيغۇر ئېلىدىن باشلىنىپ، ۋېنگىرىيە پايتەختى بۇداپېشتتىكى بىر خىمىيەلىك ماددا تارقىتىش بازىسىدا ئاياغلىشىدىكەن. بىراق ۋېنگىرىيە دائىرىلىرى ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەرگە قارىماي، خىتاي بىلەن بۇنداق بىر قۇرۇلۇش تۈرىنى ئىمزالىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ۋېنگىرىيە زىيارىتىدىن كېيىن، يەنى 9-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە گىرېكلەر كونتروللۇقىدىكى سىپرۇس جۇمھۇرىيىتى (جەنۇبىي سىپرۇس) نى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانى ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ بۇ پىلاندىكى «بۈيۈك ئورنى» نى تەشۋىق قىلغان. ئۇنىڭ ۋېنگىرىيەدىكى زىيارىتىدىن كېيىنلا گىرېكلەر كونتروللۇقىدىكى جەنۇبىي سىپرۇس جۇمھۇرىيىتىگە بارغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.
