ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» «ئىككى يىغىن» دا شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقلىرىنى «قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجرا قىلىدىغانلىقى» ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرگەن

5-مارت كۈنى بېيجىڭدا خىتاينىڭ مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىنى» باشلانغاندىن كېيىن، ما شىڭرۇي باشچىلىقىدىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» خىتاي دۆلەت كابىنېتىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلغان، شۇنداقلا تەرەپ-تەرەپتىن ئىپادە بىلدۈرۈشكەن.

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 5-مارت چۈشتىن كېيىن ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنياز، زۇمرەت ئوبۇل، شاۋكەت ئىمىن، لى يىفېي قاتارلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەمەلدارلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقلىرىنى «قەتئىي ۋە داۋاملىق تۈردە تەۋرەنمەي ئىجرا قىلىدىغانلىقى» توغرىلىق بەس-بەستە سۆز قىلغان. بۇ مۇھاكىمىگە خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى، خىتاي مەملىكەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرىمۇ قاتناشقان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي سۆزىدە، «شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنيازمۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ، «ئۆتكەن بىر يىل شىنجاڭ ئۈچۈن ئالاھىدە ۋە ئادەتتىن تاشقىرى بىر يىل بولدى» دېگەن ئىبارىلەر ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قاراتقان سىياسىتىنى مەدھىيەلىگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ما شىڭرۇي باشچىلىقىدىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» يىغىن جەريانىدا، «شىنجاڭدا ئەبەدىي ئەمىنلىك بەرپا قىلىش، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ نېگىزلىك، ئۇزۇن مەزگىللىك ۋە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان يادروسى» دېگەنلەرنى تەكىتلەشكەن.

بېيجىڭدىكى «ئىككى يىغىن» دا ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» نىڭ شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقلىرىنى «داۋاملىق ۋە قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجرا قىلىش» نى تەكىتلىشى، ئۇيغۇر رايوندىكى سىياسىي كونتروللۇقنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ داۋام قىلىدىغانلىقى، بەلكى تېخىمۇ قاتتىق ۋە جىددىي تۈردە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى، دەپ قارالماقتا.