ئەركىنلىك سارىيى 2017-يىللىق ئىنتېرنېت كونتروللۇقى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.11.14

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان دۇنيادىكى كۆپلىگەن ھۆكۈمەتلەر تور دۇنياسىنى كونترول قىلىشقا بارغانسېرى زور كۈچ سەرپ قىلىپ كەلمەكتە.

خىتاي ۋە رۇسىيە ھۆكۈمەتلىرى بۇنىڭدا ھەرقاچان ئەڭ تىپىك مىساللار ھېسابلىنىدىكەن. ئامېرىكىدىكى ئەركىنلىك سارىيى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەھۋالىنى تەپسىلىي باھالاپ چىقىپ، 2017-يىللىق باھالاش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

مەزكۇر دوكلاتتا «دۇنيادا ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئاياق-ئاستى قىلغۇچى» دەپ كۆرسىتىلگەن خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى بوغۇشىغا 87 نومۇر قويۇلغان. بۇنىڭدىن باشقا ئىنتېرنېت توسقۇنلۇقى، مەزمۇن چەكلىمىسى، تور ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ خىتايغا ئىنتايىن ناچار باھا بېرىلگەن.

دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلى «تور بىخەتەرلىكى قانۇنى» نى تەستىقلىغاندىن بۇيان تور مەشغۇلاتىدا ھەقىقىي ئىسىم ئىشلىتىش، ئۈندىدار قاتارلىق ئەپلەرنى تور سۈزگۈچلۈكىدىن ئۆتكۈزۈش قاتارلىق چارىلار ئوتتۇرىغا چىققان بولسا، 2017-يىلىدىن باشلاپ ئىجرا بولغان مەۋھۇم خۇسۇسىي تور (VPN) نى مەنئى قىلىش چارىسى تور ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ خىتاي چەكلىگەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا يېقىنلىشىش مۇمكىنچىلىكىنى يوققا چىقارغان.

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ دوكلاتىدا خىتايدا پۇقرالارنىڭ «سەزگۈر» خاراكتېردىكى تور يازمىلىرىنى ۋە مەزمۇنلارنى ساقلاش ياكى تارقىتىشىنىڭ شۇ كىشىنى قاماق جازالىرىغا مۇپتىلا قىلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. بۇ خىل ئەھۋاللار ئۇيغۇرلار دىيارى ۋە تىبەت رايونىدا ئەڭ ئېغىر بولۇپ، بۇ ئىككى رايون ئەمەلىيەتتە خىتايدىكى «كەڭ بەلۋاغلىق تور»نىڭ سۈرئىتى ئەڭ ئاستا بولغان رايونلار ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.