«ئەركىنلىككە تۇتۇشىدىغان قاراڭغۇ يول» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.08.27

تۈركىيەدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا مۇتەخەسسىسى ئەنۋەر ئالتايلى يازغان «ئەركىنلىككە تۇتۇشىدىغان قاراڭغۇ يول» ناملىق كىتاب ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، يېقىندا ئەنگلىيەدە نەشر قىلىندى.

مەزكۇر كىتاب ئالدى بىلەن تۈركىيەدە تۈركچە نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ ھارپىسىدا مەرغىلاندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن روزى نەزەرنىڭ قانداق قىلىپ سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىدە ئەسكەر بولغانلىقى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ گېرمان ئەسكەرلىرىگە ئەسىرگە چۈشكەنلىكى، ئۇرۇش يىللىرىدا ناتسىستلار گېرمانىيەسى تەشكىل قىلغان تۈركىستان دېۋىزىيىسىدە ئوفىتسېر بولغانلىقى، ئۇرۇشتىن كېيىن ئامېرىكا ئارمىيىسىگە تەسلىم بولغانلىقى ۋە كېيىنكى ھاياتىدا ئامېرىكانىڭ مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىدە ئىشلەپ پېنسىيىگە چىققانلىقىدەك مۇرەككەپ ۋەقەلەر بايان قىلىنغان.

قىزىقارلىقى شۇكى، مەزكۇر كىتابتا روزى نەزەرنىڭ سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدىكى مەخپىي پائالىيەتلىرىگە دائىر نۇرغۇن مەلۇماتلار بېرىلگەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئامېرىكانىڭ دىپلوماتىيە خادىمى سۈپىتىدە سوغۇق ئۇرۇش يىللىرىدا سابىق غەربىي گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بون ۋە تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ئېلىپ بارغان مەخپىي پائالىيەتلىرى، 1979-يىلىدىكى ئىران ئىسلام ئىنقىلابى مەزگىلىدە تېھراندا گۆرۈگە تۇتۇلغان ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنى قۇتقۇزۇش ئوپېراتسىيەسىدە ئوينىغان رولى ھەققىدە بايانلار بېرىلگەن.

كىتابتا يەنە 1955-يىلى ھىندونېزىيەنىڭ باندوڭ شەھىرىدە ئېچىلغان «ئاسىيا-ئافرىقا يىغىنى» دا روزى نەزەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ خىتاي باش مىنىستىرى جو ئېنلەينى قاتتىق مات قىلغانلىقى، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنى بىلەن تىبەتنى بېسىۋالغان قىزىل مۇستەملىكىچى ئىكەنلىكى ھەققىدە يىغىن ئەھلىگە سۆز قىلغانلىقى توغرىلىقمۇ مەلۇماتلار بېرىلگەن.

نۆۋەتتە بۇ كىتاب «ئامازون» تورى ئارقىلىق سېتىلىۋاتقان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ 20-ئەسىردىكى تارىخىي ئۆزگىرىشلىرىگە قىزىققۇچىلارنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.