خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشنى جىددىيلەشتۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-02-06
Share

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئۇيغۇر يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش قەدىمى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 1‏-ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەلگەن يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سانى ئاز كەم 20% ئارتقان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» پروگراممىسى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن. ئۇلار خىتاينىڭ بۇ پروگراممىسىنى توختىتىشقا چاقىرىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئىچكىرىگە يۆتكەشتەك بۇ ھەرىكىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتى بىلەن بولغان تارىخى، مەدەنىيەت، ئائىلە بېغىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق نازارىتىنىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» گە ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل 1‏-ئايدا رايوندىكى شەھەر-بازارلاردا 41 مىڭ 500 ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىن 13.22 پىرسەنت ئارتقان. بۇنىڭ ئالدىدا يەرلىك دائىرىلەر خىتاينىڭ مەملىكەت مىقياسىغا ئۇيغۇر رايونىنىڭ مائارىپ، ساقچى ئورۇنلىرىغا ئادەم قوبۇل قىلىش ھەققىدە نۇرغۇن ئېلان چىقارغان ئىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق نازارىتى ئوخشاش مەزگىلدە يەنە باشقا جايلارغا يۆتكەلگەن ئۇيغۇر يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ 137 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇلارنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا 3.18 پىرسەنت ئارتۇق ئىكەن. لېكىن بۇ سان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا يۆتكەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ياكى مەخسۇس ئىچكىرىگە يۆتكەلگەنلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەمما خەۋەردە، بۇ يىل 1-ئايدىلا 3151 ئادەمنىڭ ئىچكىرىدىكى زاۋۇت-فابرىكىلارغا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

دائىرىلەر بۇنىڭغا ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، 1-ئاي ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشقان شەھەر‏-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاز كەم 60 پىرسەنتى كىچىك تىپلىق شەخسى ئىگىلىكلەردە ئىشقا ئورۇنلاشقان. خەۋەردە بۇ ئورۇنلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ 15.26 پىرسەنت، چوڭ ۋە ئوتتۇرا تىپلىق كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ 26. 33 پىرسەنت ئارتقانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بىر ئاي ئىچىدە بۇنچىلىك كۆپ ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئۇلاردا گۇمان قوزغىغان. كۆزەتكۈچىلەر، بۇنىڭ لاگېردىكى بىر قىسىم تۇتقۇنلارنى كارخانىلارغا يۆتكەش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. يېقىندا خەلقئارادىكى بەزى نوپۇزلۇق تاراتقۇلار خىتاينىڭ لاگېرلاردا كارخانا قۇرۇپ، بىر قىسىم تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت