خىتاي تاراتقۇلىرى ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىپ، «2016-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى مىزانى» يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خىتاينىڭ جۇڭگو كۈندىلىكى گېزىتىنىڭ 14-يانۋاردىكى ئىنگلىزچە سانىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى نېيىم ياسىننىڭ سۆزلىرى نەقىل ئېلىنىپ، خىتايدا تۇنجى قېتىملىق دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش مىزانى بارلىققا كېلىش ئالدىدا تۇرغانلىقى ، بۇ يىل 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «تېررورلۇققا قارشى قانۇن» ئاساسىدا يەرلىكتە ئىجرا قىلىنىدىغان «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش مىزانى»نى تۈزۈپ چىقىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.
خەۋەردە ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش مىزانىنىڭ كونكرېت مەزمۇنلىرى ۋە بۇ قانۇننىڭ قاچان ئېلان قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە توختالمىغان، ئەمما نېيىم ياسىننىڭ پەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىللىق خۇلاسە يىغىنىدىن كېيىن مۇخبىرلارغا يۇقىرىقى سۆزنى قىلغانلىقى ئىزاھلانغان.
خىتاي «تېررورلۇققا قارشى قانۇنى» نىڭ 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى خىتاي يولغا قويغان «تېررورلۇققا قارشى قانۇنى» نىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي باستۇرۇشىنى توختىتىشقا چاقىرغان ئىدى.
