ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر رايونىدىكى ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «ئەسەبىيلىكى تۈگىتىش» تېمىسىدىكى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە مەزكۇر نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىگە 33 ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېخنىكومنىڭ 400 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى قاتنىشىپ نۇتۇق سۆزلىگەن.

«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 12-ئاپرېل كۈنى ئۈرۈمچىگە جايلاشقان شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى زالىدا ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن.

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەزكۇر نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى 3-ئايدىن ئېتىبارەن داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، جەمئىي 70 نۇتۇق سۆزلەش ماھىرى ئۇيغۇر، خىتاي ۋە قازاق تىللىرىدا نۇتۇق سۆزلەشتە نەتىجە قازىنىپ، بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەن.

مەزكۇر نۇتۇق سۆزلىگۈچىلەر ئاساسلىقى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش»، ئاتالمىش «مىللىي بۆلگۈنچىلىك سۆز -ھەرىكەتلىرى بىلەن كۈرەش قىلىش»، «دىنىي ئەسەبىي ئىدىيىلەرنىڭ ماھىيىتىنى پاش قىلىش» ۋە باشقا نۇقتىلارنى تېما قىلغان.

«ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» نامىدىكى تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئالدىنقى يىلىدىن بۇيان پۈتۈن ئۇيغۇر رايونى مىقياسىدا كەڭ قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئاساسلىق تەشۋىقات نىشانىنىڭ ئۇيغۇر يېزا-قىشلاق ئاھالىلىرى بولۇۋاتقانلىقى ئىنكاس قىلىنماقتا. دىنىي زاتلار ۋە ئاھالىلەرنىڭ ئالما ئۇسۇلى ئويناش، قىزىل ناخشا ئېيتىش ۋە باشقا تۈرلۈك كوللېكتىپ تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە سېلىنىشى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئالىي مەكتەپلەر، بولۇپمۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئۈرۈمچىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەر ئىلگىرىدىنلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نارازىلىق پىكىرلىرىنىڭ مەركەزلىرىدىن بولۇپ كەلگەن، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 1985-يىلى، 1988-يىلى نارازىلىق نامايىش ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەن ۋە 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ مەلۇم سالماقنى ئىگىلىگەن ئىدى.

بۇ قېتىمقى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىنى كۆپ ئورۇن بىرلىشىپ تەشكىللىگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بۇ پائالىيەتكە مەسئۇل بولغان ئىكەن.