خىتاي دائىرىلىرى خوتەندىن 1800 نەپەر ئۇيغۇر ئىشلەمچىنى ئۈرۈمچى، سانجى قاتارلىق جايلارغا يۆتكىگەن

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدىن ئۇيغۇر ياشلىرىنى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا داۋاملىق رايوننىڭ ئىچى-سىرتىدىكى خىتاي كارخانىلىرىغا يۆتكىمەكتە.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى خوتەندىن يەنە 1800 نەپەر ئۇيغۇر ئىشلەمچى ئۈرۈمچى ۋە سانجى قاتارلىق جايلارغا يۆتكەلگەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئىشلەمچىلەرنىڭ 1000 نەپىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى، 800 نەپىرىنىڭ سانجىدىكى كارخانىلارغا يۆتكەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 12‏-ئاينىڭ ئاخىرلىرى خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە كورونا ۋىرۇسى پارتلاپ، پۈتۈن خىتاينى قاپلىغاندىن كېيىن قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان. نۇرغۇن ئۆلكە، شەھەر، يېزا-كەنتلەر قامال قىلىنىپ، زاۋۇت-كارخانىلار ئىشتىن توختىغان، ئىدارە-جەمئىيەت ۋە مەكتەپلەر تاقالغان. پۇقرالارنىڭ تالاغا چىقىشى چەكلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەر مۇشۇنداق نازۇك مەزگىلدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىن ئۇيغۇر «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىچى-سىرتىغا كەڭ كۆلەملىك يۆتكەشكە باشلىغان. تۇنجى تۈركۈمدە 2‏-ئاينىڭ 22‏-كۈنى خوتەندىن 171 ئۇيغۇر ئىشچى خۇنەننىڭ چاڭشا شەھىرىگە يولغا سېلىنغان. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ، ئۇلاردا خىتاينىڭ مەقسىتىگە قارىتا سوئال پەيدا قىلغان. ئۇلار خىتاي دائىرىلىرىنى مەزكۇر ئۇيغۇر ياشلىرىنى كورونا ۋىرۇسى پارتلىغان رايونلارغا يولغا سېلىپ، «ئۇلارنىڭ ھاياتىغا تەۋەككۈل قىلىش» بىلەن ئەيىبلىگەنىدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 14‏-مارت كۈنى پويىزدا ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىققان ئىشلەمچىلەرنىڭ 1000 نەپىرى ئۈرۈمچىنىڭ 7 رايونى، بىر ناھىيەسىدىكى كارخانىلارغا، قالغان 800 نەپەر ئىشلەمچى سانجى شەھىرى، ماناس ناھىيەسى ۋە 3 سانائەت رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. لېكىن خەۋەردە، ئۇلارنىڭ كونكرېت قايسى كارخانىلاردا ئىشلەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.