خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر «يېزا ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرى» نى يۆتكەشنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-04-05
Share

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى «يېزا ئېشىنچە يېزا ئەمگەك كۈچلىرى» نى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامىدا ياش ئۇيغۇر يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق نازارىتىنىڭ خىتاي تاراتقۇلىرىغا ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 3 ئېيىدا 520 مىڭ 660 نەپەر «يېزا ئېشىنچە ئەمگەك كۈچى» نى يۆتكىگەن. دائىرىلەر شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا بۇ ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ قايسىي رايونلارغا ۋە قانداق خىزمەت ئورۇنلىرىغا يۆتكەلگەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «يېزا ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرى» نى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامىدا تەشكىللىك ھالدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە ۋە رايوندىكى سانائەت بازىلىرىغا يۆتكەپ، ئۇيغۇر يېزا ياشلىرىنى جەنۇبتىكى ۋىلايەت-ئوبلاستلاردىن باشقا رايونلارغا تارقاقلاشتۇرماقتا ئىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇ يىل «يېزا ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرى» نى يۆتكەشنى 2 مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان. دائىرىلەر ئۆتكەن يىلى 2 مىليون 800 مىڭ «يېزا ئېشىنچە ئەمگەك كۈچى» نى يۆتكىگەن ئىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 3 ئېيىدا يەنە جەنۇبتىكى 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاستتا 45 مىڭ ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىن 30 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئاشقان. خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرى ۋە بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇرۇشلۇق جەنۇبتىكى ۋىلايەت‏-ئوبلاستلارغا ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن زور تۈركۈمدە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرىنى چىقارغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېر سىرتىدىكى «ئۇيغۇر يېزا ئەمگەك كۈچلىرى» نى باشقا رايونلارغا يۆتكەپ، لاگېرغا سولانغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمەت ئورنىنى ئىچكىرى خىتايدىن يۆتكەپ كەلگەن خىتايلار بىلەن تولدۇرماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت