خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىن بىر مىليون 760 مىڭ ئادەم قېتىم «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نى يۆتكىگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-07-23
Share

بۇ يىل 1-ئايدىن 6-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر دىيارىدىن ئاتالمىش «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا باشقا جايلارغا يۆتكەلگەنلەرنىڭ سانى بىر مىليون 760 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن.

«شىنخۇا تورى» نىڭ 20-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭغا «ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نامرات يېزا رايونلىرىدىكى دېھقانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ‹خەلققە قۇلايلىق› سىياسەتلەرنىڭ بىرى،» دەپ تەبىر بەرگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر يۆتكەلگەن بۇ سان بۇ يىللىق «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەش» پىلانىنىڭ %65 نى تەشكىل قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ شەرقىدىكى ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم قىلىدىغان» ئۆلكە شەھەرلەردىكى كارخانىلارغا يۆتكەلگەنلەر 15 مىڭ 459 نەپەر ئىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئاتالمىش «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش» تۈرىدە «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەنگەنلەر» 418 مىڭ 100 ئادەم قېتىمغا يەتكەن.

خەۋەردە «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا يۆتكەلگەنلەرنىڭ نەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ياكى ئۇلارنىڭ مىللىتى، جىنسى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن. كۆزەتكۈچىلەر بۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا ئۈچ مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىشى، لاگېر سىرتىدىكىلەرنىڭ قاتتىق تەقىب ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى مەلۇم بولۇۋاتقان پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «خەلققە قۇلايلىق سىياسەت» دېگەندەك چىرايلىق ناملار بىلەن رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى باشقا جايلارغا يۆتكىشى غۇلغۇلا قوزغىماقتا.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىقىدەك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ رايوندىكى نوپۇسىنى شالاڭلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتمەكچى ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت