خىتاي ئۇيغۇر «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى كورونا ۋىرۇسىنىڭ مەركىزى بولغان ئۆلكىلەرگە داۋاملىق يوللىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-02-28
Share

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى ئۇيغۇر ياش قىز-ئوغۇللىرىنى «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نامىدا كورونا ۋىرۇسىنىڭ مەركىزى بولغان خىتاي ئۆلكىلىرىگە داۋاملىق ئايروپىلاندا يولغا سالماقتا. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر 27‏-فېۋرال كۈنى خوتەن شەھىرى ۋە قاراقاش ناھىيەسىدىن يەنە 353 نەپەر ئۇيغۇر ياشنى خىتاينىڭ گۇاڭشى ۋە فۇجيەن ئۆلكىلىرىگە يولغا سالغان.

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە پارتلىغان كورونا ۋىرۇسىنىڭ پۈتۈن خىتاينى قاپلاپ، خىتايدىكى نۇرغۇن ئۆلكە-شەھەرلەر پۇقرالارنىڭ كوچىغا چىقىشىنى چەكلىگەن مەزگىلدە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇ جايلارغا تۈركۈملەپ ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىلىشى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئەندىشىگە سالغان. بۇ، ئۇلاردا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەقسىتىگە قارىتا سوئال پەيدا قىلغان ئىدى. 

بۇ يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە خوتەندىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يولغا سېلىنغان 2‏-تۈركۈم كىشىلەردۇر. بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتى خوتەندىن 171 نەپەر ئۇيغۇر ياشنى ئايروپىلاندا خىتاينىڭ چاڭشا شەھىرىگە يولغا سالغان. يەرلىك دائىرىلەر يەنە 26‏-فېۋرال كۈنى ئاقچى ناھىيەسىدىن 133 نەپەر ئىشلەمچىنى خىتاينىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى ۋۇشىغا يولغا سالغانىدى. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، 27‏-فېۋرال خوتەندىن يولغا سېلىنغان 353 نەپەر ئىشلەمچىنىڭ 179 نەپىرى خوتەن شەھىرىدىن، 174 نەپىرى قاراقاش ناھىيەسىدىن ئىكەن. 

چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى كورونا ۋىرۇسىنىڭ رايوندىكى لاگېرلارغا تارقىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن شۇنداقلا مەزكۇر رايوندا يولغا قويۇلغان كارانتىن تەدبىرلىرىنىڭ رايوندا ئاچارچىلىق پەيدا قىلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئىچكى ئۆلكىلەرگە يولغا سېلىشىنى: «پىلانلىق تەۋەككۈلچىلىك» دەپ ئەيىبلىمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت