چىرا ناھىيىسىدە 1000 دىن ئارتۇق ياش خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىلىدۇ

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ چىرا ناھىيىسىدىن يەنە 1000 دىن ئارتۇق ياش خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىلىدىكەن.

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ چىرا ناھىيىسىدىن يەنە 1000 دىن ئارتۇق ياش خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىلىدىكەن. خوتەن ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ تور بېتىدە بېرىلگەن خەۋەردىن قارىغاندا، ناھىيىدىكى 1400 نەپەردىن ئارتۇق ياش يېقىندا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بىر قىسىم زاۋۇت-كارخانىلار بىلەن توختام تۈزگەن بولۇپ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا شەندۇڭ ۋە جېجياڭ ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلىدىكەن.

خەۋەردە، چىرا ناھىيىسىنىڭ «تەبىئىي شارائىتى ناچار بولغانلىقتىن ئىشسىزلىق ۋە نامراتلىقنىڭ ئېغىرلىقى» تىلغا ئېلىنغان ۋە شۇنداقلا« خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ ئىشلەش دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى مۇھىم ئۆتكەل» دەپ كۆرسىتىلگەن.

بىراق، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پىلانلىق كۆچۈرۈلۈۋاتقان خىتاي كۆچمەنلەر ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشقا ئورۇنلىشىۋاتقان بىر شارائىت ئاستىدا، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىستىقبالىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىزدەشكە مەجبۇرلىنىشىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن.

دەرۋەقە، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جۇ ۋېيچۈن بېيجىڭدىكى ئىككى يىغىن داۋامىدا قىلغان سۆزىدە «خىتايدا مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈر» لۈكىنى تەكىتلىگەن ۋە «مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چوقۇم ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنى سىرتلارغا بېرىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك» دېگەن ئىدى.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org