خىتاي دائىرىلىرى خوتەندە بىر تۈركۈم «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز سادا
2019-04-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر دىيارىدىن مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر قىسىملىرى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» سىياسىتى بويىچە خوتەن ۋىلايىتى يېقىندىن بۇيان 22 مىڭ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 15-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى خوتەندە بۇ يىل 2-ئايدىن باشلاپ يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ 22 مىڭ ئادەمنىڭ كونكرېت نېمە خىزمەت قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلمىگەن. 

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە خوتەن ۋىلايىتىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» 611 مىڭ 500 ئادەم قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، 2017-يىلىغا قارىغاندا 9.23% ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ۋىلايەت ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار 402 مىڭ 500 ئادەم قېتىم، رايون ئاتلاپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار 209 مىڭ ئادەم قېتىم بولغان. ئەمما قانچىلىك ئادەمنىڭ ئىچكىرى خىتايغا يۆتكەلگەنلىكى ئېيتىلمىغان.

خەۋەردە رايون ئاتلاپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلارنىڭ كونكرېت قەيەرگە يۆتكەلگەنلىكى دېيىلمىگەن.

بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خوتەن ۋىلايىتىگە ئوخشاش ئۇيغۇر نوپۇسى بىر قەدەر زىچ ئولتۇراقلاشقان جايدا خىتاي ھۆكۈمىتى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق رايوننىڭ نوپۇسىنى تارقاقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن. ئەمەلىيەتتە يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرىنىڭ بىرى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرى بولماقتا.

ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» سىياسىتىنى مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش، نامراتلىقنى تۈگىتىشتىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، دەپ كۆرسەتمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت