خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 5-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتى 2024-يىللىق قۇربان ھېيت مەزگىلىدە، يەنى 17-ئىيۇندىن 19-ئىيۇنغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرقايسى تاشيوللاردا ماڭغان يەتتە كىشىلىك ياكى ئۇنىڭدىن ئاز ئورۇندۇقلۇق ماشىنىلاردىن يول ھەققى ئېلىنمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇقتۇرۇشتا يەنە ئالاھىدە قىلىپ خىتايلارنىڭ «دۇەنۋۇ بايرىمى» مەزگىلىدە بۇ خىل ئېتىبار چارىسىنىڭ يولغا قويۇلمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، قۇربان ھېيت ئۇزۇندىن بۇيان ئىسلام دىنىدىكى كىشىلەرنىڭ دىنىي بايرىمى سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە. ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىقتا ئىسلام دىنى بىلەن ئالاقىدار بولغان ھەممىلا شەيئىنىڭ جىنايەتلەشتۈرۈلۈشى تۈپەيلىدىن كۆپلىگەن دىنىي پائالىيەتلەر ۋە تەبرىكلەشلەرنىڭ غايىب بولغانلىقى مەلۇم بولماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى دىنىي بايرام مەزگىلىدە، يەنە كېلىپ خىتايلار ئۈچۈن «ئەھمىيەتسىز» دەپ قارىلىدىغان قۇربان ھېيتى مەزگىلىدە ساياھەتكە چىققۇچىلار سانى ئانچە كۆپ بولمايدىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ خىل «ئېتىبار سىياسىتى» نى يولغا قويۇشى نۆۋەتتە بىر تۈرلۈك «كۆز بويامچىلىق» دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
يېقىنقى مەزگىللەردە خەلقئارادا قايتىدىن تەكىتلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئىسلام دۇنياسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ئارزۇسى تۈپەيلىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى پەردازلاشقا زور كۈچ بىلەن ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرنى زىيارەت قىلىش مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا چىققان بۇ سىياسەتنىڭ ئارقىسىغا نېمىلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقى ھەققىدە ھېلىھەم تۈرلۈك تەخمىنلەر مەۋجۇت.
