خىتاي مۇھىت مىنىستىرلىقى چاغان مەزگىلىدە ئېتىلداق ئېتىشنى مەنئى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن
2016.01.18
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي مۇھىت مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «2016-يىللىق چاغان مەزگىلىدە ئېتىلداق ئېتىشنى مەنئى قىلىش توغرىسىدىكى خىزمەت بەلگىلىمىسى» نى ئېلان قىلغان.
ئۇقتۇرۇشتا «ھاۋا سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىنى قوغداش ئۈچۈن» مەزكۇر بەلگىلىمىنى چىقارغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
مەلۇمكى، چاغاندا ئېتىلداق ئېتىش خىتاي ئەنئەنىسىدىكى بىر ئادەت بولۇپ، دائىرىلەر ئىلگىرى بۇ ھەقتە بەزىدە قويۇپ بېرىش، بەزىدە چەكلىمە قويۇش پوزىتسىيەسىدە بولۇپ كەلگەن. يېقىندىن بۇيان خىتايدىكى مۇھىت بۇلغىنىش، ھاۋا سۈپىتىنىڭ ناچارلىشىشى، بولۇپمۇ ھەر يىلى چاغاندا ئېتىلداق ئېتىش تۈپەيلى كېلىپ چىقىدىغان ئوت ئاپىتى دائىرىلەرنى يەنە بىر قېتىم ئېتىلداق مەسىلىسىدە چارە-تەدبىر ئېلىشقا مەجبۇر قىلغان.
ھالبۇكى، مەزكۇر بەلگىلىمىدە «جايلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، ئېتىلداق ئېتىشنى مەنئى قىلىش ياكى ئېتىلداق ئېتىشقا چەكلىمە قويۇش» بەلگىلىمىسىنى چىقارسا بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. بۇ ھال دائىرىلەرنىڭ ئېتىلداق مەسىلىسىدە تېخى ئۈزۈل-كېسىل چەكلەش قارارىغا كەلمىگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.









