خوڭكوڭ ئەركىن ئاخباراتى: «داۋۇستا خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئېتنىك تازىلىشى تەنقىد قىلىنىشى كېرەك»

2019‏-يىللىق داۋۇس دۇنيا ئىقتىسادى مۇنبىرىنىڭ يىغىنى 22 ‏-يانۋار كۈنى شۋېتسارىيەنىڭ داۋۇس بازىرىدا باشلىنىدۇ. يىغىننىڭ ھارپىسىدا ئامېرىكىلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مايكېل كەستېر «خوڭكوڭ ئەركىن ئاخبارات» تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، داۋۇستا «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئېتنىك تازىلاش قىلمىشى تەنقىد قىلىنىشى كېرەكلىكى» نى بىلدۈرگەن.

مايكېل كەستېرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ يىللىق داۋۇس دۇنيا ئىقتىسادى مۇنبىرى يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپى نۇقتىلىق «كېيىنكى باسقۇچتىكى يەرشارىلىشىش دولقۇنىنىڭ يېڭى شەكلىنى ھاسىل قىلىش»، «رەھبەرلەرنىڭ ئۆتمۈشتىن ساۋاق ئېلىپ، تېخىمۇ كەڭ ئاممىنى ئۆز قوينىغا ئالغان، ئاجىز ئاممىۋى توپلارنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش» نى مۇزاكىرە قىلىش ئىكەن. لېكىن مايكېل كەستېر خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى قىلمىشى ئىنسانلىققا قارشى تۇرۇش جىنايىتىگە ئوخشاپ قېلىۋاتقانلىقى، جۈملىدىن ئۇنىڭ بىر مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرىغا قاماپ، ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، تەن جازاسى بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مايكېل كەستېرنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ ئەھۋالدا «خىتاينىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى تەنقىد قىلماسلىق ئۆتمۈشتىكى قاباھەتنىڭ كەلگۈسىدە يەنە يۈز بېرىشىغا يول ئاچىدىكەن.» ئاپتور يەنە ئۆتكەن يىلى 12‏-ئايدىن باشلاپ لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر ئىشەنچلىك دەلىللەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەك «زامانىۋى قۇللۇقنىڭ بىر خىل شەكلى» دەپ قارىلىپ، خەلقئارا قانۇنلاردا چەكلەنسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ خىتايدا ئۇزۇن تارىخى بارلىقىنى تەكىتلىگەن. مايكېل كەستېرنىڭ قارىشىچە، بۇ يىلقى داۋۇس يىغىنى، يەنە «يەر شارى مەسىلىلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئاملى» نى مۇزاكىرە قىلىشى، ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە قارىتىلغان سىستېمىلىق بۇزغۇنچىلىقنى تەنقىد قىلىشى كېرەك» ئىكەن. ئۇ ئەگەر داۋۇس دۇنيا ئىقتىسادى مۇنبىرى ئۇ ئۆزى تەكىتلەپ كەلگەندەك دۇنيا رەھبەرلىرىنى يىلدا بىر قېتىم بىر يەر جەم قىلىپ كېلىۋاتقان يېتۈك سورۇن بولسا، مانا ھازىر ئۇنىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش ۋاقتى كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ «بۇ ھەپتە داۋۇستا خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى جىنايىتىنى تەنقىدلىنىپ، ئۇنىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق يەر شارىلىشىش دولقۇنىدا ئورۇن ئېلىشى رەت قىلىنىشى كېرەك،» دېگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك داۋۇس يىغىنىغا خىتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن قاتنىشىدىكەن.