ئەزەربەيجان ئۇرۇش توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.04.03

يەكشەنبە كۈنى ئەزەربەيجان تاغلىق قاراباغ رايونىدا ئۆزىنىڭ جەڭ ھەرىكىتىنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئەزەربەيجاننىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن ھەربىي ھەرىكەتلەرنى توختىتىپ، ئىلگىرى ئازاد قىلغان جايلارنى مۇستەھكەملەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئارىسىدا تاغلىق قارا - باغ رايونىدا 22 يىلدىن بۇيانقى كەڭ كۆلەمدە جەڭ يۈز بەرگەن بولۇپ، ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنى ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. ئەرمېنىيە تەرەپ ئەزەربەيجاننىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلان، زەمبىرەك قاتارلىق قوراللارنى ئىشقا سېلىپ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى جەڭدە ئەرمېنىيە ئۆزىنىڭ 18 ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئەزەربەيجان تەرەپ 12 ھەربىي خادىمىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

شەنبە كۈنىدىكى مەزكۇر توقۇنۇشتىن كېيىن، ب د ت باش كاتىپى بان كىمون ۋە رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ھەر ئىككىلا تەرەپكە ئۆزلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، توقۇنۇشنى توختىتىشقا چاقىرغان ئىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جو بايدىن ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە پرېزىدېنتلىرى بىلەن ئايرىم - ئايرىم سۆزلىشىپ، ئۇلارنى مەزكۇر تاغلىق قاراباغ توقۇنۇشىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلغان.

ئەمما، ئەرمېنىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ئەزەربەيجاننىڭ ئۇرۇش توختاتقانلىقىنى ئىنكار قىلىش مەيدانىنى ئىپادە قىلغان بولۇپ، ئەرمېنىيە ۋە قارا باغ تەرەپ تاغلىق قارا - باغ رايونىدا جەڭلەرنىڭ يەنىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئارىسىدىكى تاغلىق قارا باغ ماجىراسى 1988 - يىلى باشلانغان بولۇپ، ئەزەربەيجان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىگە تەۋە تاغلىق قارا باغ ئاپتونوم ئوبلاستى ئەزەربەيجاندىن چىقىپ كېتىشكە ۋە ئەرمىنىيەگە قوشۇلۇشقا ئۇرۇنغان. چۈنكى تاغلىق قاراباغ ئاھالىسىنىڭ زور بىر قىسىمىنى ئەرمەنلەر تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، بۇ جايدا ئەزەرلەر، رۇسلار، كۇرتلار ۋە باشقا خەلقلەرمۇ ياشايتتى. 1991 - يىلى تاغلىق قارا - باغ يەنە مۇستەقىل بولۇشقا ئىنتىلگەن بولۇپ، نەتىجىدە، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئارىسىدا تاغلىق قاراباغنى تالىشىپ رەسمىي ئۇرۇش پارتلاپ، تاكى 1994 - يىلىغىچە داۋاملىشىپ، ئاخىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارىغا چۈشۈشى بىلەن ئىككى دۆلەت موسكۋادا ئۇرۇش توختىتىش شەرتنامىسى ئىمزالىغان ئىدى.

بۇ قېتىمقى ھەربىي توقۇنۇش ئەنە شۇ ئۇرۇش توختىغاندىن بۇيانقى ئەڭ زور بىر قېتىملىق توقۇنۇش ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.