فەيسىبۇك خىتايدا چەكلەنگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ مەزكۇر ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ «بەختلىك ياشاۋاتقانلىقى» غا ئائىت تەشۋىقات ۋە ئېلان-سەنئەتلىرىنى كەڭ كۆلەملىك تارقىتىشى فەيسىبۇك خادىملىرىنى ئەنسىرىتىپ قويغان. «ۋال ستېرېت ژۇرنىلى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئەندىشە فەيسىبۇك خادىملىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا يېزىشقان بۇ ھەقتىكى خەت-چەك ۋە مۇزاكىرىلىرىدە ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ، ئۇلار خىتاينىڭ فەيسىبۇكنى ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىغا ئىشلىتىۋاتقانلىقى، خىتاي تەشكىلاتلىرىنىڭ نامىدا ئېلان قىلىنغان بۇ تەشۋىقاتلاردا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ گەۋدىلەندۈرۈلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە، ئامېرىكا ۋە بەزى ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاينى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلدى، دېگەنلىكى، بۇ سىياسىي مېڭە يۇيۇش، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەپ كۆرسىتىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەر فەيسبۇكنىڭ بۇنىڭغا تەدبىر قوللىنىش-قوللانماسلىقنى تېخى قارار قىلمىغانلىقى، ب د ت غا ئوخشاش خەلقئارا ئورگانلارنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشىغا قاراۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
خەۋەردە يەنە ب د ت نىڭ ئۆتكەن ھەپتە شىنجاڭغا چېتىشلىق شىركەتلەرنى «ئىنسان ھەقلىرىدە ھوشيار بولۇشقا» چاقىرغانلىقى، بىراق بىر فەيسىبۇك باياناتچىسىنىڭ «بېيجىڭنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار ئېلان سەنئەتلىرىنىڭ ھازىرقى مەۋجۇت قائىدە-تۈزۈمگە خىلاپ ئەمەس» دېگەنلىكى، «ئېلان-سەنئەت بەرگۈچى فەيسىبۇكنىڭ قائىدىسىگە ئەمەل قىلسىلا بولىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەنلىكى تەكىتلەنگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ باياناتچى يەنە فەيسىبۇكنىڭ «بۇ مەسىلىدىكى ھەرىكىتى ۋە ھوشيار بولۇشىغا ياردەم بېرىشى ئۈچۈن» شىنجاڭ ۋەزىيىتىگە دائىر دوكلاتلارغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.