FBI خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى پاراكەندىچىلىك ھەركىتىنىڭ قۇربانلىرىنى ئۆزلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشقا چاقىرغان
2023.01.13
ئامېرىكا فېدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى پاراكەندىچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارىتا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەن. «ئوكسىيوس» (Oxios) تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، FBI ئامېرىكا ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى فېيسبۇكقا ئېلان چىقىرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە باغلىق بولغان ئامېرىكادىكى يامان غەرەزلىك ئورگانلارنىڭ پاراكەندىچىلىك قىلىشى ياكى رەقەملىك ئىز قوغلىشىغا ئۇچرىغان خىتاي تىللىق كىشىلەرنىڭ دەرھال ئۆزلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشىنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا فېدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئىلگىرى خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پاراكەندىچىلىكىگە قارىتا تەكشۈرۈشنى باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يۇقىرىقى ئورگاننىڭ بۇ خىل پاراكەندىچىلىككە قارىتا تۇنجى قېتىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان چىقىرىشىدۇر.
«ئوكسىيوس» تورىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، FBI ئامېرىكانىڭ فىلادېلفىيە رايونىدىكى فېيسبۇك ئابونتلىرىغا چىقارغان خىتاي تىلىدىكى قوش ئېلانىدا، «تور ھۇجۇمى، جىسمانىي ۋە رەقەملىك پاراكەندىچىلىك، جىسمانىي ھۇجۇم ياكى قاقتى-سوقتى قىلىشلارغا ئۇچرىغان ھەر قانداق كىشىدىن بۇ ئىدارىنىڭ فىلادېلفىيە ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىشى» نى تەلەپ قىلغان. ئېلاندا بولۇپمۇ خىتاي ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى ئۈندىداردا پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى ئىزدەيدىغانلىقى تەكىتلىنىپ: «بەلكىم سىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا ھالقىغان زىيانكەشلىكىنىڭ قۇربانى بولۇشىڭىز مۇمكىن» دېيىلگەن. بۇ ئېلاننىڭ نېمە ئۈچۈن فىلادىلفىيە رايونىدىكى كىشىلەرنى نىشان قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
لېكىن فېدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى «ئوكسىيۇس» تورىغا بەرگەن يازما باياناتىدا، «دۆلەت ھالقىغان تەھدىدلەرنى نۇرغۇن تەرەپلەردىن ھەل قىلىدىغانلىقى، بۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئېلانلىرىنى، ئوخشىمىغان تىلدىكى تەھدىد، قورقۇتۇش قوللانمىلىرىنى، بۇنىڭ FBI تور بېتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. FBI نىڭ بۇ ئېلانى، يېقىندا نيۇ-يوركتىكى بىر بىنا FBI تەرىپىدىن خىتاينىڭ «چەت ئەل ساقچىخانىسى» دېگەن گۇمان بىلەن ئاختۇرۇلغان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان. «نيۇ-يۇرك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بىنا نيۇ-يوركتىكى «تاڭلىقلار كوچىسى» ( «خىتاي بازىرى» ) غا جايلاشقان ئىكەن.