FBI خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىدىن كېلىدىغان خەۋپنىڭ «تەڭداشسىز» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ باشلىقى كرىستوفىر ۋراي خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى يامان نىيەتتە قوللىنىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان خەۋپنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ، ئامېرىكاغا تور ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كۆپلىگەن تەھدىتلەر كەلسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ بۇ تەھدىتلەرنىڭ ئەڭ چوڭى ئىكەنلىكىنى، خىتاي بۈگۈنگىچە ئامېرىكادىن ئوغرىلىغان خۇسۇسىي ۋە شىركەت ئۇچۇرلىرىنى ئەگەر ئۆزىنىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى بىلەن بىرلەشتۈرگەن تەقدىردە، «تەڭداشسىز زور خەۋپ تۇغدۇرىدىغانلىقى» نى ئاگاھلاندۇرغان.

Cyber Scoop خەۋەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئاتلانتا شەھىرىدە ئورۇنلاشتۇرغان تور تەھدىتى ھەققىدىكى بىر ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا ئېيتقان.

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «باھالىشىمىزچە، سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى تەھدىت ئۇنسۇرلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك، مۇرەككەپ، خاسلاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش ئىقتىدارىغا ئىگە تور ھۇجۇملىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىدۇ. بۇنىڭغا ئازلا قالدى. يىللاردىن بېرى زور مىقداردا سانلىق مەلۇماتلارنى ۋە بىزنىڭ يېڭىلىقلىرىمىزنى ئوغرىلىغان خىتاي، بۇ تېخنىكىنى قوللانسا تېخىمۇ خەتەرلىك بولىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنىڭ ئامېرىكانىڭ بىخەتەرلىكىگە قانداق تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسى ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان جىددىي مەسىلە ئىكەن. كرىستوفىر ۋراي سۆزىدە FBI نىڭ بۇندىن كېيىن سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى پەيدا قىلىدىغان تەھدىتكە ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايك گاللىگېر 26-ئىيۇل كۈنى دۆلەت مەجلىسىدە قىلغان سۆزىدە، «ئەگەر بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىز بىلەن بولغان تېخنىكا رىقابىتىدە بىزنى مەغلۇب قىلىشىغا يول قويساق، ئۇلار بۇ تېخنىكىنى رەزىللىك ئۈچۈن قوللىنىدۇ. بىزنىڭ ئامېرىكادا ۋە ئەركىن دۇنيادا ھېچ بولمىغاندا بۇنداق تېخنىكىلارنىڭ ياخشىلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش پۇرسىتىمىز بار» دېگەن.