فېدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI): «خىتاي تىك-توك ئارقىلىق ئامېرىكاغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ»

ئامېرىكانىڭ ئىقتىساد-سودا خەۋەر قانىلى بولغان CNBC نىڭ 16-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا فېدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كرىستوپېر ۋراي (Christopher Wray) 15-نويابىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ تىك-توك ئارقىلىق ئامېرىكا ئابونتلىرىغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ۋە فېدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بۇنىڭغا كۈچلۈك دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كرىستوپېر مۇنداق دېگەن: «فېدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى تىك-توكنى ئامېرىكانىڭ خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن زىيانلىق دەپ قارايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى تىك-توكنى ئىشلىتىۋاتقان مىليونلىغان ئابونتلارنىڭ ئۇچۇرىنى توپلاۋاتقان ياكى ئالگورىزىملىق ھېسابلاش ئۇسۇلنى قوللىنىپ، ئۇلارنى كونترول قىلىۋالغان ۋە ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. خىتاي يەنە مىليونلىغان ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرگە قاچىلىنىدىغان يۇمشاق دېتال ۋە ئەپلەرنى كونترول قىلىپ، شەخسىي ئۈسكۈنىلەرگە خەتەر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن».

خەۋەردە كۆرسىتىلىشچە، «فوربېس» ژۇرنىلى تىك-توكنىڭ ئامېرىكالىقلار ئۈچۈن ئانچە بىخەتەر ئەمەسلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن بولۇپ، تىك-توكنىڭ باش شىركىتى بولغان ByteDance تىك-توكنى ئىشلىتىۋاتقان ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئورنىنى ئېنىقلايدىغان ئەپنى ئىشلىتىشنى پىلانلىغان. ئەمما تىك-توك بۇنى ئىنكار قىلغان.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جوۋ بايدېن ھۆكۈمىتى تىك-توك شىركىتى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، تىك-توكنىڭ تېخىمۇ قاتتىق بىخەتەرلىك شەرتى ئاستىدا ئامېرىكادا تىجارەت قىلىشىغا يول قويماقچى ئىكەن. ئەمما ئامېرىكا فېدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى تىك-توكنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ياردىمى بىلەن ھەل قىلىشنىڭ يولىنى ئىزدەۋاتقانلىقى مەلۇم. كرىستوپېر ۋراينىڭ بىلدۈرۈشىچە، فېدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ پىكرى بۇ كېلىشىمدە ئېتىبارغا ئېلىنىدىكەن.

ئامېرىكا فېدىراتسىيە ئۇچۇر-ئالاقە كومىسسارى برېندان كار (Brendan Carr) بۇ ئاينىڭ بېشىدا تەيۋەنگە زىيارەتكە بارغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كونتروللۇقىدىكى تىك-توكنى چەكلەپ، خىتاينىڭ ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئۇچۇرىنى ئوغرىلاشقا يول قويماسلىقى لازىملىقىنى ئېيتقانىدى.