ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىلەن ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) خىتاي، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكادا ياشايدىغان سىياسىي ئۆكتىچى ۋە پائالىيەتچىلىرىنى قورقۇتۇش، پاراكەندە قىلىش، ھەتتا بەزىدە ھۇجۇم قىلىشىغا قارشى تەدبىر ئېلىشنى كۈچەيتمەكتە ئىكەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى مەتيېۋ ئولسېن، چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن بولغان پاراكەندىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ «كىشىنى چۆچۈتەرلىك دەرىجىدە كۆپەيگەنلىكى»، بۇنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن ئالدىنى ئېلىشقا تېگىشلىك ئاساسلىق ۋەزىپىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەتيۇۋ ئولسېن، بۇ خىل قىلمىشلارنى جازالاشنىڭ پاراكەندىچىلىك سالغۇچىلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشلا ئەمەس، بەلكى «ئامېرىكانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە قىممەت قارىشى، جۈملىدىن پىكىر ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكىنى قوغداش نۇقتىئىنەزەرىدىنمۇ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى» ھەققىدە سىگنال بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ماي كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىدە ياشايدىغان سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى ۋە پائالىيەتچىلىرىنى قورقۇتۇش، تەھدىت سېلىش، پاراكەندە قىلىش، ھەتتا ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشتا، شەخسى رازۋېدكا ياللاش، ئاگېنتلىرىنى ئەۋەتىش، جىنايى گۇرۇھلارنى ئىشلىتىش، بېيجىڭپەرەست خىتاي ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنى، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى ئىشقا سېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشلەتمەكتە ئىكەن. خەۋەردە، بۇ قىلمىشلار ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، يېقىنقى بەش يىلدا چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشقا چېتىشلىق نەچچە ئونلىغان گۇماندارنى جاۋابكارلىققا تارتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا قەيت قىلىشىچە، بۇ دۆلەتلەر تېخىمۇ مۇرەككەپ تاكتىكىلارنى ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ، بۇ شەخسى رازۋېدكا ياللاش، تەشكىللىك جىنايى گۇرۇھلارنى ئىشلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتىكەن، بولۇپمۇ پاراكەندە قىلىشتىن زوراۋانلىق قىلىشقا ئۆتۈشتە «قىزىل سىزىقتىن جىددىي رەۋىشتە ھالقىپ ئۆتمەكتە» ئىكەن.
خەۋەردە، ئامېرىكادىكى «خىتاي خىرىستىيان ياردەم جەمئىيىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى، پوپ باب فۇ ئەنە شۇ خىل پاراكەندىلىككە ئۇچرىغان شەخسلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى؛ ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 2023-يىلى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى ئارقىلىق ئامېرىكادىكى ئۆكتىچىلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان 36 نەپەر خىتاي ساقچىسىنى جازاغا تارتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.