ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 12-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى كامالا خاررىس (Kamala Harris) ۋە تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلىتى فىجى(Fiji) نىڭ رەھبەرلىرى «تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى مۇنبىرى» دە تور ئارقىلىق سۆھبەتلەشكەن. شۇ كۈنى فىجىدىكى يىغىن مەيدانىنىڭ مۇخبىرلارغا ئاجرىتىلغان بۆلۈكىدە ئولتۇرغان ئىككى نەپەر خىتاي «مۇخبىرى» نى يىغىن باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي فىجى ساقچىلىرى يىغىن مەيدانىدىن چىقىرىۋەتكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، فىجى مۇخبىرلىرىدىن لايىس موۋونو (Lice Movono) نەق مەيداندىكى مۇخبىرلار ئارىسىدا ئولتۇرغان بولۇپ، ئۇ تۇيۇقسىز يېنىدىكى ئىككى نەپەر خىتاي «مۇخبىر» نىڭ بەكمۇ تونۇش چىراي ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئاندىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئىيۇندا زىيارەت ئۈچۈن فىجىغا كەلگەندە سوئال سوراش ئۈچۈن توپلانغان مۇخبىرلارنى مېھمانخانىدىن قوغلاپ چىقارغان ھەمدە باشقىلارنى شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇغان خىتاي تەرەپ خادىملىرىنىڭ نەق مۇشۇلار ئىكەنلىكىنى يادىغا ئالغان. شۇ ۋاقىتتا خىتاينىڭ فىجىدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ھەربىي كانۋوي (attache) لىرى سالاھىيىتىدىكى مۇشۇ كىشىلەر لايىسنى زالدىن چىقىرىۋەتكەن ھەمدە ئۇنىڭ ۋاڭ يىدىن سوئال سورىشىغا ئىمكان بەرمىگەن. ئۇ بۇلارنى تونۇپ قالغاندىن كېيىن <سىلەر خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ خادىملىرىمۇ ياكى شىنخۇا (ئاگېنتلىقى) نىڭ مۇخبىرلىرىمۇ؟ بۇ مەخسۇس مۇخبىرلار ئۈچۈن ئاجرىتىلغان جاي> دېگەن. ئۇلار دەرھاللا بېشىنى چايقاپ ئىنگلىزچە بىلمەس بولۇۋالغان».
لايىس موۋونو بۇ ئەھۋالنى دەرھال يىغىن مەيدانىدىكى فىجى ساقچىلىرىغا مەلۇم قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار ئۇلارنى يىغىن زالىدىن چىقىرىۋەتكەن. كېيىنچە فىجى ساقچىلىرى بۇ ئىككىيلەننىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىدىكى ھەربىي كانۋويلار ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ چىققان. شۇ كۈنكى يىغىندا مۇھاكىمە قىلىنىدىغان مەركىزىي تېما خىتاينىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكىگە قارشى تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە بولغانىكەن.
