فىلىپپىن دائىرىلىرى ئامېرىكىغا 8 ھەربىي بازىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى قارار قىلغان
2016.01.16
فىلىپپىن دائىرىلىرى ئامېرىكىغا 8 ھەربىي بازىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى قارار قىلغان. فىلىپپىن ھەربىي باياناتچىسىنىڭ 13 - يانۋار ئېيتىشىچە، فىلىپپىن دۆلەتلىك ئالىي سوتى فىلىپپىن - خىتاي ئارىسىدا شەكىللىنىۋاتقان جىددىيلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، ۋاشىنگتون تەرەپ بىلەن تۈزۈلگەن بۇ ھەقتىكى كېلىشىمنى كۈچكە ئىگە قىلغان.
فىلىپپىن ۋە ئامېرىكا دائىرىلىرى 2014 - يىلى «كۈچەيتىلگەن مۇداپىئە كېلىشىمى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ھەربىي كېلىشىم ئىمزالىغان بولسىمۇ، ھەربىي بازا مەسىلىسى ئارىلاشقان مەزكۇر كېلىشىم بەزى قانۇنىي رىقابەتلەر تۈپەيلى ھازىرقىغىچە ئەمەلىيلەشمىگەن.
رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ كېلىشىم پالاۋان ئارىلىغان جايلاشقان سابىق ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسى ۋە دېڭىز ئارمىيە بازىسىنى ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. پالاۋان ئارىلى خىتاي ئىگىلىك ھوقۇقى تالىشىۋاتقان جەنۇبىي دېڭىزغا تۇتىشىدىكەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىكى ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر 8 بازىنى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ۋە باشقا خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
فىلىپپىن 1898 - يىلىدىن 1946 - يىلىغىچە، ئامېرىكىنىڭ مۇستەملىكىسىدە بولغان ۋە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ئىككى چوڭ ھەربىي بازىسىنى ئورۇن بىلەن تەمىنلىگەن. كلارك ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بازىلار فىلىپپىندا ئامېرىكىغا قارشى پىكىر ئېقىمى باش كۆتۈرگەندىن كېيىن 1992 - يىلى پۈتۈنلەي تاقالغان.
فىلىپپىن ھەربىي باياناتچىسى پولكوۋنىك رەستىتۇتو پادىللا «كۈچەيتىلگەن مۇداپىئە كېلىشىمى» ھەققىدىكى سۆھبەتلەرنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكى بېكىتىلىپ، كېلىشىمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە رۇخسەت بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى.









