خىتاي، فىلىپپىننىڭ ياپونىيىدىن 5 دانە چارلىغۇچى ئايروپىلان كىرالىماقچى بولغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

فىلىپپىن ھۆكۈمىتى جەنۇبىي دېڭىزدىكى چارلاشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ياپونىيىدىن 5 دانە چارلىغۇچى ئايروپىلان كىرالايدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن خىتاي بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭ لېي سۆز قىلىپ، ياپونىيىنى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى مەسىلىسىگە ئارىلىشىش بىلەن ئەيىبلىگەن. ئۇ سۆزىدە «بىز ياپونىيىنى ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن بولۇپ، رايوننىڭ تېنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان بېرىدىغان ھەرىكەتلەردىن ئۇزاق تۇرۇشقا چاقىرىمىز» دېگەن.

فىلىپپىن پرېزىدېنتى بېنىگنو ئاكۇئىنو چارشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە، فىلپپىننىڭ ياپونىيىدىن «ت س - 90 تىپلىق» ئايروپىلان كىرالاش ئارقىلىق، رايوندىكى دېڭىز چارلاش خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىشنى پىلان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، فىلىپپىن ھۆكۈمىتى يېىقىندىن بۇيان ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، بۇمۇ خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىغا كۆپلەپ ھەربىي ئەسلىھەلەرنى يۆتكەپ سەپلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

سەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى يىللىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرنى مۇشتۇمزورلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.