ئانتونى بىلىنكېن: «خىتاي فىلىپپىنغا ھۇجۇم قىلسا بىز ئارىلىشىمىز!»

ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بۇ خىل ھەمكارلىقنى «تاشقا مۆھۈر باسقان شەكىلدىكى دوستلۇق» دەپ مەدھىيىلىگەن. ئۇ بۇ سۆزنى 19-مارت كۈنى فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلا شەھىرىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقاندا تىلغا ئالغان. ئانتونى بىلىنكېن بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا ئېنىق قىلىپ خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى زومىگەرلىكىنى تىلغا ئالغان ھەمدە «خىتاي ناۋادا فىلىپپىنغا قارشى ھەربىي ھۇجۇمغا ئۆتسە، ئامېرىكا ئارمىيىسى بۇنىڭغا بىۋاسىتە قول تىقىدۇ» دېگەن.

BBC نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، فىلىپپىن بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش يېقىندىن بۇيان بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىكى مەركىزىي نۇقتا جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى بولماقتا ئىكەن. خىتاينىڭ ھەربىي تەھدىتلىرى بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقاندا فىلىپپىن ئۆزىگە قوشنا بولغان ۋىيېتنام بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى تاللىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تاشقى جەھەتتە ئۆزىگە ياردەمچى ئىزدەپ ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداشلىق ئورناتقان. شۇ سەۋەبتىنمۇ فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېنرىك مانالو (Enrique Manalo) بۇ خىل ھەمكارلىققا باھا بېرىپ: «بىزنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ھېچقاچان بۈگۈنكىدەك يۈكسەك سەۋىيىگە يېتىپ باقمىغان» دېگەن.

«نيو يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزە ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، فىلىپپىن نۆۋەتتە ئامېرىكا ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى زور بولغان مەملىكەت ھېسابلىنىدىكەن. بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى سىياسىي تەسىرى ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق ئىكەن. شۇڭا ئانتونى بىلىنكېننىڭ خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇشى ھەرگىزمۇ مۇنداقلا دەپ قويغان سۆزلەر ئەمەس ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، فىلىپپىننىڭ سابىق پرېزىدېنتى رودرىگۇ دۇتېرتې (Rodrigo Duterte) خىتاي بىلەن يېقىنلىشىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قارشى مۇقام توۋلىغان. ئەمما خىتاينىڭ دېڭىز كېڭەيمىچىلىكى فىلىپپىننى تېزدىن ئەندىشىگە سالغان.