فىلىپپىن ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە ئامېرىكىغا 1991 - يىلىدىن بۇيان تاقالغان ھەربىي بازىلارنى قايتا ئاچقان ئىدى.
خەلقئارا سوتنىڭ قانداق ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقى، ھۆكۈمنىڭ جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. ئەمما سوتتا فىلىپپىننىڭ ئۇتۇپ چىقىدىغانلىقى پەرەز قىلىنغان.
خىتاي دائىرىلىرى سوت نەتىجىسىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاي تاشىقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئۆتكەن ھەپتە سوت ھۆكۈمىنىڭ پەقەت رايوندا جىددىيچىلىكىنى كۈچەيتىشتىن باشقا نەرسىگە يارىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
باش شتابى گائاگا شەھەرىدىكى خەلقئارا سوت جەنۇبىي دېڭىزدىكى زېمىن دەتالىشى ئۈستىدىن چىقىرىدىغان سوت نەتىجىسى يېقىنلاشقانسېرى خىتاي ئۆز ئاخباراتى ۋە دىپلوماتلىرىنى ئىشقا سېلىپ جىددىي تەشۋىقات ئۇرۇشىنى باشلىغان.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ فىلىپپىن ئاچقان تېررىتورىيە دەۋاسىدا ئۇتتۇرۇشى پەرەز قىلىنغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئەلچىلىرى دۇنيانى خىتاينىڭ توغرىلىقىغا ئىشەندۈرۈش ھەرىكىتىنى توختاتمىغان.
خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىنگلىز تىلىدا مەخسۇس ھۆججەتلىك فىلىملارنى ئىشلەپ، جەنۇبىي دېڭىزىڭنىڭ تارىخىنى چۈشەندۈرۈشكە ئۆتكەن بولسا، تور بەتلىرىنىڭ پۈتۈن سەھىپىلىرى مەزكۇر مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئانالىزلارغا بېغىشلانغان.
ئۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئەلچىلىرى ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدىن بۇيان غەرب مەتبۇئاتلىرىنى نىشان قىلىپ، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ ئىمزالىق ئوبزورلارنى ئېلان قىلىشقا باشلىغان.
بۇ خىلىكى ماقالىلەر ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا ۋە شىمالىي ئامېرىكىدىكى 21 دۆلەتتە كۆرۈلگەن.
خىتاي 2012 - يىلىدىن باشلاپ فىلىپپىننىڭ لۇزون ئارىلىغا يېقىن جايدىكى ئارال سكاربورو تاقىم ئارىلى ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلىشىنى باشلىغان ھەمدە فىلىپپىن كېمىلىرىنىڭ مەزكۇر ئارىلىغا يېقىنلىشىشى چەكلەنگەن.
فىلىپپىن شۇندىن ئېتىبارەن خەلقئارا سوتقا ئەرز سۇنۇپ مەسىلىنى قانۇنىي يول بىلەن ھەل قىلىش يولىنى تۇتقان.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دىپلوماتلىرى ماقالىلىرىدە جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارنىڭ خىتايچىدا «نەشا» دەپ ئاتىلىدىغانلىقى، بۇ ئاراللارنىڭ ئەلمىساقتىن خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكەن. ئۇ لار يەنە فىلىپپىن سۇنغان ئەرزنىڭ پەقەت بىر تەرەپلىمە ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى، مەسىلىنى ئىككى تەرەپ ئورتاق قاتناشقان ئاساستا سۈلھى - سال يولى بىلەن ھەل قىلىش لازىملىقىنى كۆرسىتىشكەن.
گېزىتتە نەقىل ئىلىشىچە، بۇ خىلدىكى دىپلوماتىك تەشۋىقاتلارنىڭ كەمدىن كەم ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن لوندوندىكى كىڭس ئىنستىتۇتى خىتاي ئىشلىرى پروفېسسورى كەرىي بروۋن بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بارلىقى، بۇندىن كېين بۇ خىلدىكى ماقالىلەرنىڭ يەنە كۆپلەپ يېزىلىشقا باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي چارشەنبە كۈنى باشلانغان خەلقئارا سوتنى بايقۇت قىلغان ۋە سوت ھۆكۈمىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرىگە جەنۇبىي دېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر باشلىغان ئىدى.
سوت ھۆكۈمى 12 - ئىيۇل ئېلان قىلىنىدىكەن.
