فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرى 12-نويابىر ئىككى قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نىڭ قۇرۇلغان كۈنى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنىڭ رەڭگىدە يورۇتۇپ، ئۇلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەشنى قارار قىلغان. «جۇمھۇرىيەتچىلەر دۇنياسى» ناملىق تورنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پارىژ شەھەر باشلىقى ئان ھېدالگو 4-ئۆكتەبىر كۈنى پارىژنىڭ قەتئىي رەۋىشتە ئۇيغۇرلار سېپىدە تۇرىدىغانلىقى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنى كۆك رەڭدە يورۇتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
فىرانسىيە 12-نويابىرنىڭ ئارقىسىدىنلا 2015-يىلى 13-نويابىر كۈنى يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمنىڭ 6 يىللىقىنى خاتىرىلەيدۇ. ئۆزلىرىنى «ئىسلام دۆلىتى» دەۋالغان تېررورچىلارنىڭ شۇ قېتىملىق ھۇجۇمىدا 130 ئادەم ئۆلگەن. بۇ ۋەقە فىرانسىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى چىقىرىشىغا سەۋەب بولغانىدى. «جۇمھۇرىيەتچىلەر دۇنياسى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، پارىژ شەھەر باشلىقى ئان ھېدالگو تۋىتتېرغا يوللىغان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا، «نۇرغۇن كىشى بۇ شەنبە ئۇيغۇرلارنى قوللاش ئۈچۈن نامايىش قىلغان بىر ۋاقىتتا پارىژ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بۇ خەلق بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ. بىر ئۇيغۇر ئۆيى پات يېقىندا پارىژدا ئېچىلىدۇ ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئۇيغۇر رەڭگىدە يورۇتۇلىدۇ» دېگەن.
2-ئۆكتەبىر كۈنى، خىتاي دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن يۈزلىگەن نامايىشچى پارىژ شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىشىنى تەلەپ قىلغان، شۇنداقلا پارىژلىقلارنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىنى ئەيىبلەشكە چاقىرغان. پارىژدىكى مەزكۇر نامايىش زور تەسىر قوزغىغانىدى.