فىرانسىيە پارلامېنتى كېلەر ئاي ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» قارار لايىھەسىنى ئاۋازغا قويىدۇ

فىرانسىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى كېلەر ئاينىڭ 20-كۈنى ئاۋازغا قويۇشنى قارار قىلغان. بۇ قارار لايىھەسىنىڭ كېلەر يىلى 4-فېۋرال كۈنى باشلىنىدىغان، كىشىلەر «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى» دەپ ئەيىبلەۋاتقان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى ھارپىسىدا ئاۋازغا قويۇلۇشى دىققەت قوزغىغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ بىر خادىمى 8-دېكابىر مەزكۇر قارار لايىھەسىنىڭ پارلامېنت كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى، ئۇنىڭ كېلەر يىلى 20-يانۋاردا ئاۋازغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ قارار لايىھەسىنى فىرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ 1-سېكرېتارى ئولىۋېر فائۇرې سۇنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا فىرانسىيە مىللىي مەجلىسىنىڭ «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى دائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن زوراۋانلىق قىلمىشى ئىنسانىيەتكە زىيانكەشلىك قىلىش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى ۋە ئەيىبلەيدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ قارارى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشىغا ئۇچرىغان ‍ئوخشاش بىر ۋاقىتتا خىتايغا نىسبەتەن يەنە بىر قېتىملىق قاتتىق زەربە بولۇپ، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش چەمبىرىنىڭ ئاستا بولسىمۇ تارىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.