«فوربېس ژۇرنىلى» خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئۆسۈشى ئۇنىڭ ئېلان قىلغىنىدىن كۆپ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئامېرىكانىڭ «فوربېس ژۇرنىلى» خىتاينىڭ 2022- ۋە 2023-يىللىرىدىكى ئىقتىسادى ئۆسۈشى ئۇنىڭ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدىن كۆپ تۆۋەن ئىكەنلىكى، شۇنىڭدەك خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتنىڭ ئۇنىڭدىن كۆپ پەرقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا ئۆزلىرىنىڭ 2022-يىللىق ئىقتىسادى ئۆسۈشىنىڭ 4.8 پىرسەنت، 2023-يىللىق ئىقتىسادى ئۆسۈشىنىڭ 5.2 پىرسەنت بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان. لېكىن «فوربېس ژۇرنىلى» نىڭ 4-ماي كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى بىر ماقالىسىدە، خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ خىتاينىڭ «كوۋىد يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» قامىلىدىن «ئوڭۇشلۇق ئۆتكەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي ئىقتىسادى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈشتە بەزى ھالقىلارنىڭ غايىب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «فوربېس ژۇرنىلى» نىڭ ماقالىسىدە قەيت قىلىنىشىچە، خەلقئارا فوندى تەشكىلاتى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىللىق ئۆسۈش نىسبىتى ھەققىدە پەرقلىق مەلۇماتلارنى بەرمەكتە ئىكەن.

«فوربېس ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان «خىتاي ئىقتىسادى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈشتە غايىب بولغان ھالقىلار» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى خىتاينىڭ 2022-يىللىق ئىقتىسادى ئۆسۈشىنى 0.72 پىرسەنت، 2023-يىللىق ئىقتىسادى ئۆسۈشىنى نۆلدىن تۆۋەن 1.04 پىرسەنت، دەپ مۆلچەرلىگەن. «فوربېس ژۇرنىلى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرىقى مۆلچەرى خەلق پۇلىنىڭ بۇ مەزگىلدە 12 پىرسەنتتىن 14 پىرسەنتكىچە قىممىتىنى يوقاتقانلىقىنى ھېسابقا قاتقان بولۇپ، دۇنيا بانكىسى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە غەزىنىسى قاتارلىق غەرب پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ مۆلچەرىمۇ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بىلەن ئوخشاش بولغان.

«فوربېس ژۇرنىلى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، غەرب ئىقتىسادشۇناسلىرى ئىقتىسادنىڭ ئۆسۈشىنى ھېسابلاشتا سودا، قەرز، پۇل كەمچىللىكى، ئىستېمال تەلىپى قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللارنى ھېسابقا قاتسىمۇ، ئەمما خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئارقىغا چېكىنىشىدە باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان يەنە بىر ئامىل رول ئوينىماقتا ئىكەن. «فوربېس ژۇرنىلى» كوۋىد-19 ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ تەسىرى ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، بۇ خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشىنى چۈشەندۈرۈشتىكى غايىب ھالقا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.