فىرانسىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى يېڭى مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
فىرانسىيەنىڭ تاشقى سودا ۋە مەبلەغ مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەكىلى فرانك رىستېر «لې موندې» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن:
«فرانسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ يېڭى مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى قوللىنىشى سەۋەبلىك قارشى تۇرىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك كېلىشىم خىتاي بىلەن بولغان مەبلەغنى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتا مۇھىم بىر قەدەم بىراق بېيجىڭ خەلقئارا شەرتنامىلەردىكى ۋەدىلىرىنى تولۇق ئورۇندىمىدى».
ئۇ بۇ ھەقتە توختالغاندا خىتاينىڭ ياۋرۇپانىڭ ئەكسىچە ياۋروپالىق مەبلەغ سالغۇچىلارغا قاراتقان چەكلىمىلىرىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىنى، بىراق ياۋرۇپانىڭ خىتايغا ئىشىكىنى كەڭ ئېچىۋەتكەنلىكىنى، شەرتلەرنىڭ چوقۇم ھەر ئىككى تەرەپكە ئوخشاش بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. بولۇپمۇ ئۇ خىتاينىڭ خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى (ILO) نىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش ئەھدىنامىسىنى تېخى تەستىقلىمىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ فىرانسىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ: «ئەگەر بىز مەجبۇرىي ئەمگەكنى بىكار قىلىشقا ئەمەل قىلالمىساق، خىتايغا مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرەلمەيمىز» دېگەن ۋە بېلگىيە، لىيۇكسېمبۇرگ، گوللاندىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ پارىژ بىلەن ئوخشاش قاراشتا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
ئۇ يەنە ئەسكەرتىپ «سودا كېلىشىمى ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەجبۇرىي ئەمگەككە بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىغا قارشى كۆرەش قىلىش رولىنى ئوينايدۇ» دېگەن.
ياۋرۇپا ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن كەڭ كۆلەملىك مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر كېلىشىم تۈزۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ كېلىشىم فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى دىلنۇر رەيھان خانىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قوزغالغان تور ھەرىكىتى ئارقىلىق قاتتىق تەنقىد قىلىنغانىدى. ئۇلار «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەگەر بۇ كېلىشىمنى ئىمزالىسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، جازا لاگېرلىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىنىڭ كۆلىمىگە كۆز يۇمغانلىق بولىدۇ ۋە بۇنىڭ ئاقىۋىتى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېغىر بولىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.
مەلۇم بولۇشىچە ھازىر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن نورمال سودا ئالاقىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن زور رىقابەت پەيدا قىلماقتىكەن. ئەنگلىيەنىڭ «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىمۇ 23-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئەنگىلىيە سودا مىنىستىرلىقى بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتايغا قارىتىلىدىغان سىياسەتلەر ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە پىكىر بۆلۈنۈشىدە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە مۇنداق دىيىلگەن: «پەردە ئارقىسىدا ئەنگلىيەنىڭ خىتايغا قارىتىدىغان سىياسەتلىرى ھەققىدىكى پىكىر زىددىيەتلىرى باشلىنىپ كەتتى. سودا مىنىستىرى لىز ترۇسنىڭ قوللىشىدىكى ئەنگىلىيە سوتىغا خىتاينىڭ شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقان-يۈز بەرمەيمەيۋاتقانلىقىنى بەلگىلەش ھوقۇقى بېرىش تەكلىپى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىماقتا».
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى يېڭى يىل كىرە – كىرمەيلا بارلىق پارتىيەلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر يېڭى قانۇن لايىھەسىگە بىلەت تاشلايدىغان بولۇپ، بۇ قانۇن لايىھەسى ئەگەر ماقۇللانسا ئەنگىلىيەدىكى سوت مەھكىمىسىگە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىپ – قىلمايۋاتقانلىقىنى بەلگىلەش يولى ئېچىلىدىكەن. شۇڭا بۇ خىتاي بىلەن يېڭى بىر سودا كېلىشىمى تۈزۈشكە ھازىرلىنىۋاتقان ئەنگىلىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم قارار ئىكەن. بىراق، ئەنگلىيەنىڭ دىپلوماتىيە، ئورتاق گەۋدە ۋە تەرەققىيات ئىشخانىسى ئەنگىلىيە سوت مەھكىمىلىرىگە ئۇيغۇر ئېلىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەن-يۈز بەرمىگەنلىكىنى ئېنىقلاش ھوقۇقى بېرىشكە قارشى تۇرىدىكەن، ئۇلار بۇنداق قىلىشنى ئەنگىلىيە ئىقتىسادىغا زىيانلىق دەپ قارايدىكەن. شۇڭا ئۇلار بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ھۆكۈمەتلەرگە ئەمەس، بەلكى ئىمتىيازلىق خەلقئارا سوت مەھكىمىلىرىگە تەۋە دەپ قارايدىكەن.