ئاتاقلىق فىرانسۇز فوتوگراف «جۇغراپىيە ژۇرنىلى» دا ئۇيغۇر سىمۋوللىرىنىڭ قانداق يوقىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاتتى

ئەنگلىيەنىڭ «جۇغراپىيە ژۇرنىلى» 7-سېنتەبىر فىرانسىيەلىك فوتوگراف پاترىك ۋاك بىلەن ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تارتقان سۈرەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدىكى يېقىنقى ئۆزگىرىشكە دائىر زىيارەت خاتىرىسىنى ئېلان قىلغان.

ئەنگلىيەنىڭ «جۇغراپىيە ژۇرنىلى» 7-سېنتەبىر فىرانسىيەلىك فوتوگراف پاترىك ۋاك بىلەن ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تارتقان سۈرەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدىكى يېقىنقى ئۆزگىرىشكە دائىر زىيارەت خاتىرىسىنى ئېلان قىلغان. «ئۇيغۇر سىمۋوللىرى يوقىلىۋاتقان شىنجاڭنى سۈرەتكە تارتىش» ماۋزۇلۇق زىيارەت خاتىرىسىدە پاترىك ۋاك 2016-يىلى بىلەن 2019-يىلى ئارىلىقىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدىكى تراگېدىيەلىك ئۆزگىرىش ۋە بۇ قىسقىغىنە 2-3 يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت سىمۋوللارنىڭ قانداق غايىب بولغانلىقلىرىنى تونۇشتۇرغان.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «2016-يىلى يەنىلا رەڭگارەڭ بولغان، ھەممە يەردە ئالتۇن رەڭلىك قۇببە ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ سىمۋوللىرى ئۇچراپ تۇرىدىغان، ئاياللار ياغلىق ئارتىپ يۈرىدىغان بۇ رايوندا، 2019-يىلى بۇلارنىڭ ھەممىسى غايىب بولغان».

يېقىندا كوداك شىركىتى پاترىك ۋاكنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تارتقان رەسىملىرىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.

پاترىك ۋاكنىڭ بۇ سۈرەتلەرگە يازغان چۈشەندۈرۈشى خىتاي دائىرىلىرىنى ۋە خىتاي تور كېزەرلىرىنى بىئارام قىلغان. كوداك شىركىتىنىڭ ئۇنىڭ سۈرەتلىرىنى توردىن چۈشۈرۈۋېتىشى خەلقئارادا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغانىدى.

پاترىك ۋاكنىڭ «جۇغراپىيە ژۇرنىلى» غا ئېيتىشىچە، بۇ مەزگىل ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت سىمۋوللار غايىب بولۇپلا قالماي، رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدىمۇ جىددىي ئۆزگىرىش بولغان. ئۇ، «بۇ ئىستراتېگىيە رايوننى خىتاي نوپۇسى بىلەن ئىگىلەش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئاز سانلىق ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ۋاكنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 2019-يىلى ئۇيغۇر ئىلىغا قايتا بارغاندا خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكى، ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ مەدەنىيەت سىمۋوللىرىنىڭ قالمىغانلىقى، ھەممە يەرنى خىتاي بايرىقى قاپلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org