G7 يىغىنىدا خىتاي ۋە روسىيە مۇھىم تېما بولماقچى
2023.05.17
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 17-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ياپونىيەنىڭ خىروشىما (Hiroshima) شەھرىدە چاقىرىلىش ئالدىدا تۇرغان «سانائەتلەشكەن يەتتە دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى» (G7) دا خىتاي ۋە رۇسىيە مۇھىم مۇزاكىرە تېمىسى بولىدىكەن. چۈنكى دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات ساھەسىدىكى بايراقدار ئورۇننى تەشكىل قىلدىغان بۇ يەتتە دۆلەت دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق تەھدىت ئاشۇ ئىككى دۆلەتتىن كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ دۇنياۋى تەمىنلەش زەنجىرى، ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك قاتارلىق ساھەلەردە پەيدا قىلىۋاتقان خىرىسلىرى نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئورتاق باش ئاغرىقى پەيدا قىلماقتا ئىكەن. شۇڭا ئامېرىكا، ياپونىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە، كانادا ۋە ئىتالىيەدىن تەشكىل تاپقان «يەتتە دۆلەت گۇرۇھى» ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولىدىغان ئىقتىسادىي باغلىنىشى ھەمدە بۇنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە بۇ قېتىم تەپسىلى مۇھاكىمە قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
بولۇپمۇ فرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانيۇل ماكرون (Emmanuel Macron) ئاپرېل ئېيىدىكى خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنى «ئامېرىكا بىلەن بولغان بېقىندىلىق مۇناسىۋىتگە چەك قويۇش» قا دەۋەت قىلغاندىن بۇيان، خىتاي مەسىلىسى ھەققىدە ئوخشىمىغان پكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان. ۋاشىنگتون شەھرىدىكى برۇكىڭس (Brookings) ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مىرېيا سولىس (Mireya Solis) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بۇ ياپونىيە ئۈچۈن بىر چوڭ ئىستراتېگىيە، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ خەۋپسىزلىك ۋە ئاۋاتلىق يولى ئۈچۈن نىشان كۆرسەتكۈچ» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى «يەتتە دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى» خىتاي ھۆكۈمىتى ساھىبخانلىقىدا شىئەن شەھرىدە ئۆتكۈزمەكچى بولۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى كۈنلۈك يىغىن بىلەن ئوخشاپ كېتىدىغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدىكەن.