خىتايدىكى گېن ئەۋرىشىكىسى سىناقلىرى خىتاي ئارمىيەسى بىلەن چېتىشلىق ئىكەن
2021.09.07
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 6-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى تېببىي مۇئەسسەسەلەر ۋە دوختۇرلار ئۆزلىرىگە گېن ئەۋرىشكىسىنى سېتىپ بېرىۋاتقان خىتايدىكى بىر چوڭ شىركەتنىڭ خىتاي ئارمىيەسىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇلار يېقىنغىچە ئاياللارنىڭ تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈش ئىشلىرىغا دائىر تەتقىقات ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئاياللار گېن ئەۋرىشكىسىنى خىتاينىڭ شېنجېن شەھىرىدىكى «BGI گۇرۇھى» دىن سېتىۋالغانىكەن. بۇ شىركەت ھازىرغا قەدەر ئاز دېگەندىمۇ 52 دۆلەتتە بۇ خىل گېن ئەۋرىشكىلىرىنى ساتقان بولۇپ، بۇ ئەۋرىشكىلەر سەككىز مىليوندىن كۆپرەك ئايالدىن يىغىلغان ئىكەن. ھالبۇكى خەلقئارادا بۇ خىلدىكى گېن ئەۋرىشكىلىرىنى دۆلەت ھالقىغان شەكىلدە سېتىش توغرىسىدا قاتتىق بەلگىلىمىلەر چىقىرىلغان ئىكەن.
رويتېرس ئاگېنلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2021-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىلا «BGI گۇرۇھى» تەمىن ئەتكەن نەچچە ئونلىغان پەن-تەتقىقات تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى بىلەن زىچ ئالاقىسى بارلىقى مەلۇم بولغان. «BGI گۇرۇھى» بولسا بۇ گېن ئەۋرىشكىلىرىنى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بەدىنىدىن توپلىغان ئىكەن. ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ئارمىيەسى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى قەتئىي ئىنكار قىلغان ھەمدە «ھەربىي دوختۇرخانىلار بىلەن بولغان ھەمكارلىق ئارمىيە بىلەن ھەمكارلاشقانلىققا باراۋەر ئەمەس» دەپ تۇرۇۋالغان.
«BGI گۇرۇھى» تەمىن ئەتكەن مىليونلىغان گېن ئەۋرىشكىلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەجرىبىخانىلاردا ئىشلىتىلىدىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ گېن ئەۋرىشكىلىرى ئېلىنغان ۋاقىتتا شەخسلەرنىڭ بۇنىڭغا ئىجازەت بەرگەن-بەرمىگەنلىكى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. يەنە كېلىپ 2021-يىلىنىڭ بېشىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «BGI گۇرۇھى» توپلىغان غايەت زور مىقداردىكى بىئولوگىيەلىك گېن ئەۋرىشكىلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى داۋام قىلدۇرۇۋاتقان تەقلىدىي ئەقىل ۋە ھەربىي تېخنىكا ئىشلىرىغا قوللىنىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئەمدىلىكتە بۇ باياناتنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكى بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسپاتلانغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىليونلىغان ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنىڭ مەجبۇرىي يوسۇندا ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن «ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش» پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. بۇ جەرياندا سالامەتلىك تەكشۈرتكەن پۈتكۈل كىشىلەرنىڭ گېن ئەۋرىشكىسىنىڭ توپلانغانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىققانىدى.