گەنسۇنىڭ ۋۇۋېي تۈرمىسىگە بىر قانچە مىڭ ئۇيغۇرنىڭ قامالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-04-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ گەنسۇ ئۆلكىسى ۋۇۋېي شەھىرىدىكى بىر تۈرمىدە ئاز دېگەندە مىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ قامالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئىتالىيەدىكى «زىمىستان» ناملىق دىنىي ئەركىنلىك تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ تۈرمىدىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار 2018‏-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا ئېلىپ كېلىنگەن. بۇ دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە قاتنايدىغان پويىزلارنى بىر قانچە ئاي توختاتقان مەزگىلىدە توغرا كېلىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 8‏-ئايدا ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە پويىز بېلىتى سېتىشنى توختاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىر قانچە ئاي داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەمما سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىگەن ئىدى. زىمىستان تورىنىڭ گەنسۇ ۋۇۋېيدىكى يەرلىك شاھىتلارنىڭ سۆزنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، «2018‏-يىلى قىش پەسلىنىڭ بىر كۈنى ۋۇۋېي شەھىرىدىكى تۈرمىگە بارىدىغان يول 2 كۈن تاقىۋېتىلىپ، ئاپتوموبىل ۋە پىيادىلەرنىڭ مېڭىشى چەكلەنگەن. 2‏-كۈنى يېرىم كېچە سائەت 2 دە قوراللىق ساقچىلار 10 نەچچە ئاپتوبۇستا ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن پۇت-قولى كىشەنلىك تۇتقۇنلارنى ۋۇۋېي پويىز ئىستانسىسىدىن تۈرمىگە يۆتكىگەن. نەق مەيداننى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بىر شاھىت پۈتۈن يولنىڭ قامال قىلىنغانلىقى، ھەر بىر ئاپتوبۇسنى 3 ساقچى ئاپتوموبىلى قوغداپ ماڭغانلىقى، ھەر بىر ئۇيغۇرنى ئىككى ساقچىنىڭ ياللاپ ماڭغان».

زىمىستان تورىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى تۈرمىلەرنىڭ تور سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان بىر تور تېخنىك خادىمى ھۆكۈمەت رايوندا تۈرمىلەرنى كەڭ كۆلەملىك قۇرغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا يېتىشمەي گەنسۇغا توشىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇ جايدىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار بىرى «زىمىستان» تورىنىڭ مۇخبىرىغا «پۇت-قولى زەنجىر بىلەن چېتىپ قويۇلىدۇ. ئۇخلىغاندىمۇ ئېلىۋەتمەيدۇ، 24 سائەت ئېگىلىپ تۇرۇشى كېرەك. گەپ ئاڭلىمىغانلار دەرھال بىر تەرەپ قىلىنىدۇ» دېگەن.

يېقىندا رادىيومىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۈركۈم ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى گەنسۇ، چىڭخەي، خېيلوڭجياڭ، خۇبېي، سىچۈەن، ئىچكى موڭغۇل، شەنشى قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى تۈرمىلەرگە يۆتكىگەنلىكىنى دەلىللىگەن ئىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت