ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ گېرمان ئاپتوموبىللىرىغا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئارىلاشقانلىقى ھەققىدىكى دوكلاتى خىتاينى بىئارام قىلغان

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 21-ماي كۈنى BMW، جاگۇئار لەندىروۋر، ۋولكىسۋاگېن قاتارلىق گېرمان ئاپتوموبىللىرىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئىزى بارلىقىنى جەزملەشتۈرۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان.

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» ( (The Global Times) نىڭ 21-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى مالىيە كومىتېتىنىڭ BMW، جاگۇئار لەندىروۋر، ۋولكىسۋاگېن قاتارلىق گېرمانىيە ئاپتوموبىل شىركەتلىرى ھەققىدىكى دوكلاتىغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرغان.

ئۇ، مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكانىڭ ئاتالمىش ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلەرنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىدۇ. ئۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا بېسىم شەكىللەندۈرىدىغان ئىتتىپاق قۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇقىغا ۋە رايوننىڭ تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ» .

ھالبۇكى، كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز يېقىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك: 2023-يىلى ۋە 2024-يىلىنىڭ بېشىدا مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى داۋاملىق يۆتكەش ئەھۋالىنى باھالاش» ناملىق دوكلات ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇ مەزكۇر دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش «ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانى» نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ 2025-يىلغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى پاكىت-دەلىللىرى بىلەن ئاشكارىلاپ بەرگەن.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 21-ماي كۈنى BMW، جاگۇئار لەندىروۋر، ۋولكىسۋاگېن قاتارلىق گېرمان ئاپتوموبىللىرىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئىزى بارلىقىنى جەزملەشتۈرۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان. «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئاساسەن ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنىدىغان ھەر قانداق بىر مەھسۇلاتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقى يوقلۇقى قايىل قىلارلىق دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلانمىغۇچە، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كېرىشى چەكلەنگەن ئىدى. ھالبۇكى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى مالىيە كومىتېتى BMW، جاگۇئار لەندىروۋر، ۋولكىسۋاگېىن قاتارلىق گېرمانىيە ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بۇلغانغانلىقى سەۋەبلىك چەكلىمە قويۇلغان تەمىنلىگۈچى شىركەتلەردىن ماشىنا زاپچاسلىرى ئېلىپ ئىشلەتكەنلىكى ۋە بۇ زاپچاسلارنى ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىدىن بىر قاتار كونكرېت تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قاتتىق تەكشۈرۈش ئېلىش بېرىشقا چاقىرغان ئىدى.

ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئانالىزچىسى نىكول مورگرېت (Nicole Morgret)، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن، «خىتاي سانائىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كەڭ-كۆلەمدە كىرىشى» ناملىق بىر دوكلاتنى ئېلان قىلغان ئىدى. دوكلاتتا خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكە-شەھەرلىرىدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ 2009-يىللىرىدىن باشلاپ ناھايىتى كۆرۈنەرلىك ھالدا ئۇيغۇر رايونىغا كېڭەيگەنلىكى، خىتايدا «مەجبۇرىي ئەمگەكتىن نەپ ئېلىش دولقۇنى» نىڭ ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org