گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئىلىدىكى ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىنى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.02.25
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp


خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى ناملىق گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئىلىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. مەزكۇر ئورگان 24 - فېۋرال ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇيغۇر ئىلىدا يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە 25 كىشى ساقچىلار بىلەن ئۇيغۇر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا ئۆلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بۇ، شىنجاڭ ياكى شەرقىي تۈركىستان رايونىدا ۋەزىيەت يەنە بىر قېتىم جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىنىڭ روشەن ئىپادىسى» دېگەن. باياناتتا كۆرسىتىشىچە، ئائىلە ئەزالىرى سىياسىي سەۋەبلىك تۈرمىدە ياتقان، ساقال قويغان ياكى ئەنئەنىۋىي ئىسلامى كىيىم كىيگەنلىكى ئۈچۈن دائىرىلەرنىڭ نەزىرىدە ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر گۇمانلىق كىشىلەرگە ئايلىنىپ قالغان.

خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى درىكتورى ئۇلرىخ دېلئىۇس مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇرلارنى قورقۇتۇشنى مەقسەت قىلىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۆي ئاختۇرۇش، سوراق قىلىش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشلار ۋەھىمىنى كۈچەيتىپ، زوراۋانلىقنىڭ تەكرارلىنىشىغا تۈرتكە بولىۋاتىدۇ» دىگەن.

خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى مەزكۇر باياناتىنى 17 - فېۋرال باي ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن «ياقائېرىق ۋەقەسى»، 16 - فېۋرال قاراقاش ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن «بەشقۇدۇقلار ۋەقەسى» ۋە گۇما ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 13 - فېۋرال ۋەقەلىرىگە قارىتا ئېلان قىلغان.

بايدىكى «ياقائېرىق ۋەقەسى»دە 17 كىشى ئۆلگەن. ۋەقەدە ساقچىلار 9 نەپەر پىدائىينى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. پىدائىيلار 4 ساقچىنى ئۆلتۈرگەن، 4 پۇقرا ساقچىلارنىڭ ئوقىدا ئۆلگەن ئىدى.

خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى خىتاي ساقچىلىرىنى رەھىمسىزلىك بىلەن تەنقىدلەپ، «زىيانكەشلىككە ئۇچۇرىغۇچىلارنىڭ تېز كۆپىيىشىنى ساقچىلارنىڭ رەھىمسىزلەرچە ھەرىكىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقى بىر پاكىت» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.