دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ گېرمانىيىدە قۇرغان شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىگە ئىنكاس قايتۇردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.03.21
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا 21-مارت كۈنى رادىيومىز ئارقىلىق بايانات بېرىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەركىزى جايلاشقان گېرمانىيىدە، خىتاي ئەلچخانىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئاتالمىش «شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» ۋە خىتاينىڭ گېرمانىيىدىكى ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىش» مۇراسىمىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختالدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوقۇش، خىزمەت ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن چەتئەللەرگە، بولۇپمۇ غەرب ئەللىرىگە چىققان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بىلەن بولغان ئالاقىسىنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى پاش قىلدى. ئۇ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئوقۇش مۇكاپاتى»، « شىنجاڭغا ساياھەت» قاتارلىق ئىقتىسادىي جەھەتتىن مەنپەئەت بېرىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، غەرب دۆلەتلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ بولغان ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىشقا، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىگە جاسۇسلۇق قىلىشقا قىستاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي خەۋەرلەر تورىنىڭ 21-مارت سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ گېرمانىيىنىڭ بېرلىن شەھىرىدىكى باش ئەلچىخانىسى، 20-مارت كۈنى 2017-يىللىق «شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى» ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرلىكتە، گېرمانىيىدە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان 150 تىن ئارتۇق «شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار»ئاساسىدا «شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. خەۋەردە يەنە، ئۇلارنىڭ 2011-يىلدىن بۇيان 68 ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش مۇكاپاتى بەرگەنلىكى ۋە ئەلچىخانىدا «جەلپكار شىنجاڭ» نامىدىكى نورۇزنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.