گېرمانىيە تاراتقۇلىرى: رادىكال كۈچلەرنىڭ شەكىللىنىشىدە خىتاي ۋە تاجىكىستان جاۋابكار

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى خىتايچە بۆلۈمىنىڭ 22-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە تاراتقۇلىرى يېقىندا ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان خىتاي، پاكىستان، ئافغانىستان ۋە تاجىكىستاننىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق يىغىنى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە خىتاي بىلەن تاجىكىستاننى ئۆز دۆلىتىدە رادىكال كۈچلەرنىڭ شەكىللىنىشىدە جاۋابكار دەپ تىلغا ئالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، «يېڭى گېرمانىيە ئىرادىسى» ناملىق گېزىت، مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقىنىڭ ئۇزۇن داۋام قىلىشىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، بۇ دۆلەتلەر تەرىپلەۋاتقان رادىكال كۈچلەرنىڭ بىر-بىرىدىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

مەزكۇر گېزىت ئۇيغۇرلاردىكى رادىكال كۈچلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىدىن، تاجىكلاردىكى رادىكاللىقنىڭ بولسا راخمانوف ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆكتىچى كۈچلەرنى قاتتىق قوللۇق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ رادىكال كۈچلەرنىڭ شەكىللىنىشىدىكى جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.