گېرمانىيە ئۈرۈمچى شەھىرىگە قۇرۇلىدىغان بىر سودا - سانائەت رايونىغا مەبلەغ سالىدىكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016-03-20
Share

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان ئ‍ىقتىسادىي سىياسەتلىرىگە سوئال قويۇلۇۋاتقان بىر پەيتتە، گېرمانىيەنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىگە قۇرۇلىدىغان بىر چوڭ تىپتىكى سودا - سانائەت رايونىغا مەبلەغ سالىدىغانلىقى ئاشكارلاندى.

«خىتاي كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى» نىڭ شەنبە كۈنىدىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا، مەزكۇر رايوننى گېرمانىيە دۇئىسبۇرگ پورتى بىلەن ئۈرۈمچى ئىقتىساد ۋە تېخنىكا تەرەققىيات رايونى بىرلىشىپ ياسايدىكەن.

ئۈرۈمچىگە يېڭى ياسالماقچى بولغان سودا رايونى ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالغا يېقىن جايلاشقان. رايوننىڭ نۆۋەتتە پىلان قىلىنغان دائىرىسى 2.2 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، كەلگۈسىدە 120 كۋادرات كىلومېتىرغا كېڭىيىش بوشلۇقى بار ئىكەن.

بۇ ھەقتىكى كېلىشىم 16 - مارت ھاسىل قىلىنغان.

سودا سارايىنىڭ ياسىلىشىغا ئۈرۈمچىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان «شىنجاڭ خەلقئارا تۆمۈريول پورت چەكلىك شىركىتى» مەسئۇل بولىدىكەن. گېرمانىيەدىكى ئەڭ چوڭ پورت شىركىتى بولغان دۇئىسبۇرگ پورتى مەزكۇر رايوننىڭ 20 پىرسەنت پېيىنى كونترول قىلغان بولۇپ، قالغان 80 پىرسەنتىنى ئىقتىساد ۋە تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى باشقۇرىدىكەن.

خىتاي ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ئېلىگە 17 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشنى پىلان قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى يىللاردىن بۇيان ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان دوكلاتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تىل، دىن ۋە مائارىپ سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەردىن يەرلىكلەرنىڭ سىرتتا قالدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ كەلگەن ئىدى.

ئىلگىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇر ئېلىگە مەبلەغ سالماقچى بولغان چەتئەل شىركەتلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارنى بىلىپ - بىلمەي خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇۋېلىشىغا يان تاياق بولماسلىققا چاقىرغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت