بېرلىندا مۇسۇلمانلار ئۇيۇشتۇرغان نامايىشقا گېرمانىيە پرېزىدېنتى ۋە باش مىنىستىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى
2015.01.14
13-يانۋار بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن دىنلار-ئارا سەبرە ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى تەرغىب قىلىش نامايىشىغا مىڭلىغان گېرمانلاردىن باشقا گېرمانىيە پرېزىدېنتى ۋە باش مىنىستىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.
مەزكۇر نامايىش فىرانسىيەدىكى ھەجۋى رەسىملەر ژۇرنىلى-«چارلېي ھەبدو» ھۇجۇمغا ئۇچراپ 17 ئادەم ئۆلگەن، بۇ ھۇجۇمى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، ياۋروپادا ئىسلام دىنىغا، جۈملىدىن كۆچمەنلەرگە قارشى پىكرى ئېقىملىرى ۋە نامايىشلار ئۇلغايغان مەزگىلگە توغرا كەلدى.
نامايىشنى گېرمانىيەدىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن پارىژدا بىگۇناھ ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە ھېسداشلىق بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن گېرمانىيەدە دىنلار-ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆزلىگەن.
يىغىلىشقا گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ۋە پرېزىدېنتى جوچىم گائۇكمۇ قاتناشتى.
10-ئايدىن بۇيا بۇيان گېرمانىيەنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا «ئىسلاملىشىشقا قارشى ۋەتەنپەرۋەر ياۋروپالىقلار» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئېقىم مەيدانغا چىققان ۋە گېرمانىيەدىكى ئىسلاملىشىش ۋە كۆچمەنلەرگە قارىشى بىر نەچچە قېتىم چوڭ كۆلەملىك نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرغان.
بۇلارنىڭ نامايىشلىرى ئۆتكەن ھەپتە پارىژدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن تېخىمۇ كۆلەملەشكەن.
ئەينى چاغدا گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل خانىم تېلېۋىزىيە باياناتى ئېلان قىلىپ، كىشىلەرنى بۇ گۇرۇپپىغا ئەگەشمەسلىككە چاقىرغان.









