گېرمانىيە باش مىنىستىرى شولتز خىتاينى رۇسىيەگە قورال بېرىش ۋە ئۇنىڭ «ئاقىۋىتى» توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
2023.03.06
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولتز، خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر خىتاي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ئۈچۈن موسكۋانى قورال بىلەن تەمىنلىسە، بۇنىڭ «ئاقىۋىتى» يامان بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئولاف شولتز، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيەدىن كېيىن خىتاينى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ئۈچۈن موسكۋانى قورال بىلەن تەمىنلىمەسلىك، ئەگەر تەمىنلىسە بۇنىڭ «ئېغىر ئاقىۋىتى» بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولدى. لېكىن لاف شولتزنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بېيجىڭنىڭ رۇسىيەنى قورال بىلەن تەمىنلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغانلىقىغا ئۈمىدۋار قارايدىكەن. ئولاف شولتز بۇ سۆزلەرنى 5-مارت يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا سىملىق خەۋەرلەر تورى CNN دە ئېلان قىلىنغان سۆھبەتتە ئېيتقان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئولاف شولتز خىتايغا قارىتىلغان بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن ۋاشىنگتوندا كۆرۈشۈپ ئىككى كۈندىن كېيىن ئېلان قىلغان. شولتز پرېزىدېنت بايدېن بىلەن 2-مارت كۈنى ئاقسارايدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا، غەرب ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئۇكرائىنانى «ئۇرۇش قانچىلىق داۋاملاشسا داۋاملاشسۇن»، قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن ئاخبارات يىغىنىدا ھەر ئىككى تەرەپ خىتاينى تىلغا ئالمىغان ئىدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئولاف شولتز 5-مارت CNN دە، ئەگەر خىتاي رۇسىيەگە ياردەم قىلسا، قانداق جازاغا ئۇچرايدىغانلىقى ھەققىدىكى بىر سۇئالغا مۇنداق دىگەن: «مېنىڭچە، بۇنىڭ ئاقىۋىتى بولىدۇ، لېكىن بىز ھازىر بۇ ئىشنىڭ يۈز بەرمەسلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىمىز، مەن بۇ مەسىلىدە بىزنىڭ تەلىپىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىغا نىسبەتەن ئۈمىدۋار قارايمەن. ئەمما بىز چوقۇم دىققەت قىلىشىمىز ۋە ناھايىتى ئېتىياتچان بولۇشىمىز كېرەك.»
ھالبۇكى، ئولاف شولتز خىتاينىڭ رۇسىيەگە قورال ياردەم قىلسا قانداق ئاقىۋەتكە ئۇچرايدىغانلىقى ۋە نېمىلەردىن قاتتىق ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئالمىغان. گېرمانىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىسى بولۇپ، خىتاي ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكىدۇر.