گېرمانىيە پرېزىدېنتى گائۇك خىتايدا كوممۇنىزمنى تەنقىد قىلغان

گېرمانىيە پرېزىدېنتى يوئاچىم گائۇك چارشەنبە كۈنى شاڭخەيدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىغا نۇتۇق سۆزلىگەندە كوممۇنىزمنى تەنقىد قىلغان.

گېرمانىيە پرېزىدېنتى يوئاچىم گائۇك چارشەنبە كۈنى شاڭخەيدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىغا نۇتۇق سۆزلىگەندە كوممۇنىزمنى تەنقىد قىلغان. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ھازىر خىتايدا رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان گېرمانىيە پرېزىدېنتى گائۇك چارشەنبە كۈنى شاڭخەيدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن تۇڭجى ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇ، ئادەتتە ئاخباراتقا ئوچۇق ئورۇنلاردا تىجارىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنىلا تىلغا ئالىدىغان باشقا دۆلەت دىپلوماتلىرىنىڭ ئەكسىچە، كوممۇنىزمنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلغان.

كىچىكىدە سابىق شەرقىي گېرمانىيەدە چوڭ بولغان گائۇك نۇتقىدا شەرقىي گېرمانىيەنى مىسالغا ئېلىپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «نۇرغۇن كىشىلەر يا خۇشال ئەمەستى، يا ئەركىن ئەمەستى. دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈن سىستېمىسىدا قانۇنىيلىق يوق دېيەرلىك ئىدى. ئەركىن، باراۋەر سايلام بولمىغاچقا، چىققان نەتىجە ئىشەنچلىك ئەمەستى. ئۇ خۇددى ئىلگىرىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا قاراشلىق دۆلەتلەرگە ئوخشاشلا ئۆز پۇقرالىرىنى جىمىقتۇراتتى، رەھبەرلەرنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئىش قىلىشنى خالىمىغانلارنى قاماپ، خورلايتتى.»

ئۇ سۆزىدە يەنە كىشىلىك ھوقۇقنى «غەربنىڭ مەھسۇلاتى» دەيدىغان كۆز قاراشنى تەنقىد قىلىپ، ئۇنىڭ ئۇنىۋېرساللىقىنى تەكىتلىگەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى گائۇكنىڭ بۇ نۇتقىنى كۆرمەسكە سېلىشقا تىرىشقان.

مىنىستىرلىق باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ بۈگۈن مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە «گېرمانىيە بىلەن خىتاي ئىككى خىل مەدەنىيەت ۋە سىياسىي تۈزۈمگە ئىگە، بىز ئۆز-ئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىمىز... پەرقلەر بىزنىڭ مۇناسىۋەتلىرىمىزگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ» دېگەن جاۋابنى بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە يەنە، گائۇكنىڭ بۇ نۇتقىدىن بىر كۈن ئاۋۋال خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» ئۆز خەۋىرىدە كىشىلىك ھوقۇق تېمىسىنى گائۇكنىڭ زىيارىتىدىكى «تىلغا ئېلىنمايدىغان، ئادەتتىكى بىر مەسىلە» دەپ كۆرسەتكەن ئىكەن.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org