گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى خىتايدىكى زىيارىتىنى «كىشىنى چۆچۈتىدۇ» دەپ تەسۋىرلىگەن
2023.04.20
گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا بايېربوك 19-ئاپرىل كۈنى قىلغان سۆزىدە ئۆزىنىڭ خىتايدىكى سەپىرىنىڭ بىر قىسمىنى «كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدە» دەپ تەسۋىرلىگەن. ئۇ، بېيجىڭنىڭ بىر سودا ھەمراھى ياكى رىقابەتچى بولۇشتىن ھالقىپ، گېرمانىيەنىڭ سىستېمىلىق رەقىبىگە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاننالىنا بائېربوك بۇ سۆزلەرنى گېرمانىيە تۆۋەن پالاتاسىدا خىتايدىكى سەپىرى ھەققىدە قىلغان خۇلاسە سۆزىدە ئېيتقان. ئۇ، خىتاينىڭ خەلقئارا قائىدىلەرنى ئاساس قىلغان دۇنياۋىي تەرتىپنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ بىلگىنى بويىچە ھەرىكەت قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي گېرمانىيەدىن خىتاينىڭ تەيۋەننى خىتاي قوينىغا ئېلىپ كىرىش ئارزۇسىنى قوللىشىنى تەلەپ قىلغان. خىتاي يەنە گېرمانىيە بىلەن خىتاينىڭ ئۆزئارا دۈشمەن ئەمەس، بەلكى شېرىك دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىكەن. ئاننالىنا خانىم تۆۋەن پالاتادىكى سۆزىدە، خىتاينىڭ بەزى تەلەپلىرىنىڭ «ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق ئىكەنلىكىنى» تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە توختالمىغان.
بايېربوك خانىم مۇنداق دېگەن: «خىتاي گېرمانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى، ئەمما بۇ بېيجىڭنىڭ گېرمانىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم سودا ھەمراھى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ، ئەمما گېرمانىيە ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى ‹سودا ئارقىلىق ئۆزگەرتىش› ئۇقۇمىدىن ئىبارەت خاتالىقنى قايتا تەكرارلاشنى خالىمايدۇ.»
بايېربوك خانىم يەنە خىتاينىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن تىرىشىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشتا رۇسىيەدىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىشى لازىملىقىنى ئېيتقان.
ئاننالىنا بايېربوك خانىم ئالدىنقى ھەپتە خىتايدا 3 كۈنلۈك رەسمىي زىيارەتتە بولغان ۋە بۇ جەرياندا خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى چېن گاڭ، خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خەن جىڭ، تاشقىي ئىشلارغا مەسئۇل خىتاي دۆلەت كومىسسارى ۋە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقىي ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇ بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتى جەريانىدا تەيۋەن مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسدە خىتاينى كەسكىن سۆزلەر بىلەن ئاگاھلاندۇرغان.