گېرمانىيە مېركېلنىڭ خىتاي زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل 12‏-ئىيۇن خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ. گېرمانىيە ئەدلىيە مىنىستىرى خېيكو مائاسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مېركېل خىتاي زىيارىتىدە سودا -ئىقتىساد بىلەن بىرگە، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى مۇھىم مەسىلە قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويىدىكەن. خېيكو مائاس مېركېلنىڭ خىتاي زىيارىتىگە قاتنىشىدىغان گېرمانىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرى.

ئۇ، گېرمانىيە دولقۇنى رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قالىغاندا، «سەنئەتچىلەر تېخىمۇ كەڭ ئەركىنلىككە، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى باستۇرۇلۇشتىن قورقماي، ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق. لېكىن ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، (خىتايدا) ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس» دېگەن.

مائاسنىڭ قەيت قىلىشىچە، گېرمانىيە بۇرۇنقىدەكلا بۇ قېتىمقى خىتاي-گېرمانىيە ھۆكۈمەتلەر دىئالوگىدا بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن. ئۇ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنىڭ سودا-سانائەت ۋە تىجارەتكە زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «بىزگە شۇ نەرسە ئىنتايىن ئېنىق، قانۇن جەمئىيىتى بۇ ئالدىنقى شەرت. چۈنكى خىتايدا تىجارەت قىلىدىغان شىركەتلەر تۇراقلىق قانۇنغا ئېھتىياجلىق» دېگەن.

مېركېلنىڭ زىيارىتى 2 كۈن داۋاملىشىدۇ. بۇ ئۇنىڭ خىتاينى 9‏- قېتىم زىيارەت قىلىشى بولۇپ قالىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ گېرمانىيەنى مەركەز قىلغان ئەڭ چوڭ مۇھاجىرەت تەشكىلاتى - د ئۇ ق مېركېلنىڭ ھەر قېتىملىق خىتاي زىيارىتىدە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە تەلەپ قويۇپ، ئۇنىڭ خىتاي بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سۆزلىشىشىنى، بولۇپمۇ تۈرمىدىكى ئۇيغۇر ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن.