گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇھى-«خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» بايانات ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە -خىتاي ھۆكۈمەت باشلىقلار سۆھبىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى ئۇلرىخ دېلىئۇسنىڭ كۆرسىتىشىچە، باش مىنىستىر مېركېل قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنى تەكىتلەپ قويغاندىن باشقا، كىشىلىك ھوقۇققا ئالاقىدار مەسىلىلەردە قولغا چىققۇدەك ھېچقانداق نەتىجە ھاسىل قىلمىغان.
مەزكۇر تەشكىلات باياناتىدا، ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي ئەركىنلىك رەت قىلىنغان. توقۇنۇش ئىچىدىكى مەزكۇر رايوندا ۋەزىيەت جىددىي بولسىمۇ، ئەمما مېركېلنىڭ بۇنىڭغا زۇۋان سۈرمىگەنلىكىنى تەنقىدلىگەن.
ئۇ باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ: «گېرمانىيە باش مىنىستىرىنىڭ زىيارىتىدىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن خىتاي شىنجاڭنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئاقتاشلىق كىتابى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھېچقاچان ھازىرقىدەك بۇنداق دىنىي ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى. شىنجاڭدا دىنىي ئەركىنلىك رەت قىلىنغان، توقۇنۇش ئىچىدىكى بۇ رايوننىڭ ۋەزىيىتى جىددىي بولسىمۇ، ئەمما باش مىنىستىر مېركېل بۇنىڭغا ئۈن چىقارماسلىق قارارىغا كەلگەن»
گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېلنىڭ خىتاي زىيارىتى 12 - ئىيۇن باشلىنىپ، 14-ئىيۇن ئاخىرلاشقان ئىدى.