ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان يېشىللار پارتىيەسى گېرمانىيەنىڭ خىتاي سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-08-12
Share

گېرمانىيەدە بۇ يىل كۈزدە ئېلىپ بېرىلىدىغان چوڭ سايلامدا قۇرۇلغۇسى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىلىۋاتقان يېشىللار پارتىيەسى گېرمانىيەنىڭ خىتاي ۋە روسىيەگە قاراتقان پوزىتسىيەسىنى قاتتىقلاشتۇرىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

«ۋول-سىترت ژورنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيەدە ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشتا يېشىللار پارتىيەسى خېلى زور ئاۋازغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ قۇرۇلغۇسى بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەركىبىگە كىرىش ئېھتىماللىقى زور ئىكەن. ئەگەر شۇنداق بولسا، بۇ يېشىللار پارتىيەسىنىڭ 2005-يىلىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم گېرمانىيەدە ھاكىمىيەت ئۈستىگە كېلىشى بولۇپ قالىدىكەن.

يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سىياسەت، ئىقتىساد ۋە تاشقىي سىياسەتلىرىگە زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى، گېرمانىيەنىڭ خىتاي ۋە روسىيەگە قاراتقان پوزىتسىيەسىنى قاتتىقلاشتۇرىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئامېرىكاغا يېقىنلىشىشى پەرەز قىلىنماقتىكەن.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي گېرمانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى ۋە نۇرغۇنلىغان سانائەت شىركەتلىرىنىڭ مۇھىم بازىرى بولۇپ، يېشىللار پارتىيەسى مېركېل خانىمنىڭ سىياسەتلىرىگە جەڭ ئېلان قىلماقتا. ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، مېركېل خانىم بېيجىڭ بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورناتتى. ئۆتكەن يىلى ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىگە ئامېرىكانىڭ قارشىلىقىغا قارىماي ۋاسىتىچىلىك قىلدى.»

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېشىللار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى رېينخارد بۇتىكوفېر سۆزىدە «پارتىيىمىز گېرمانىيە سانائىتىنى خىتاينىڭ ئېكسپورتىغا تايىنىشنى ئازايتىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. يېشىللار پارتىيەسى بېيجىڭغا تاقابىل تۇرۇش، دۆلەت ئىچىدىكى كەسىپلەرنى قوللاش ۋە خىتاينىڭ ئادالەتسىز سودا رىقابىتى قاتارلىقلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى شېرىكلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ،» دېگەن.

گېرمانىيەدىكى يېشىللار پارتىيەسى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى يېقىندىن بىلىدىغان ۋە قوللاپ كەلگەن پارتىيە بولۇپ، تېخى يېقىندا ېشىللار پارتىيەسىنىڭ مىنىستېر نامزاتى ئاننالېنا خانىم ئۆز نۇتۇقلىرىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىپ، خىتاينى جازالاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت