گېرمانىيە بىلەن خىتاينىڭ يېقىن مۇناسىۋىتى ئاخىرلىشىشقا يۈزلەنگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-09-09
Share

9-سېنتەبىر، «ياپون خەۋەرلىرى» تورىدا «گېرمانىيە يېڭى ھىندى-ئاسىيا ئىستراتېگىيەسى قوللىنىپ، خىتاي بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتىنى ئاياغلاشتۇردى» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي بىلەن ئۇزۇن يىل ھەمكارلىق ئورنىتىپ كەلگەن گېرمانىيە يېقىندا ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، دېموكراتىك دۆلەتلەردىن ياپونىيە، كورېيە قاتارلىق ئەللەر بىلەن ھەمكارلىشىشقا باشلىغان ۋە بۇ ھەقتە يېڭى سىياسەت ماقۇللىغان. بۇ ئىستراتېگىيە فىرانسىيە، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سىياسىتى بىلەن ماسلىشىدىكەن. بۇ خىل بۇرۇلۇش پۈتكۈل ياۋروپانىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسىغا بولغان ئەندىشىسى ۋە خىتايغا بېقىنماسلىق ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ بېرىدىكەن. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھەيك ماس (Heiko Maas) 2-سېنتەبىر مۇنداق دېگەن: «بىز كەلگۈسىدە خەلقئارا يېڭى تەرتىپنىڭ ئورنىتىلىشىغا ياردەمدە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ خىل تەرتىپ مەلۇم زوراۋان كۈچنىڭ قانۇنى بويىچە ئەمەس، خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە قانۇن-نىزام ئۈستىگە قۇرۇلغان تەرتىپ بولۇشى كېرەك».

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئەسلىدە گېرمانىيەتنىڭ ئاسىيادىكى مۇھىم ئىتتىپاقدىشى بولۇپ، گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركىل يىلدا دېگۈدەك خىتاينى زىيارەت قىلىپ تۇرغان، گېرمانىيەنىڭ ئاسىيا رايونىدىكى سودىسىدا خىتاي 50 پىرسەنتنى ئىگىلىگەن. ئەمما خىتاي گېرمانىيە كارخانىلىرى تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ئىزچىل قىستاپ كەلگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بۇ خىل مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبىتى قاتمال ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالغان. يەنە كېلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىپ، خوڭ كوڭلۇقلار باستۇرۇشى ۋە كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئاپىتى گېرمانىيەدە خىتايغا قارشى ئېقىم پەيدا قىلىپ، مېركىل ھۆكۈمىتىگە بېسىم سالغان. 2019-يىل ياۋروپا خىتاينى «ھەمكارلاشقۇچى رەقىب» دەپ بېكىتىپ، خىتاي بىلەن بولىدىغان سودا ۋە تېخنىكا رىقابىتىنى تەكىتلىگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى مۇھىم دۆلەت بولغان گېرمانىيەمۇ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن ئويلىشىشقا باشلىغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت