گېرمانىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى گېرمانىيە خىمىيە سانائىتى شىركىتىنى ئەيىبلىگەن

25-ئاپرېل كۈنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى مەجبۇرىي ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلەنگەن گېرمانىيە خىمىيە سانائىتى شىركىتى (BASF) نىڭ يىللىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغان روسېنگارتېن (Rosengarten) مەركىزى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدىن قارىغاندا، شىركەتنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مارتىن برۇدېرمۈللەر (Martin Brudermüller) شىركەتنىڭ يىللىق يىغىنىدا «خىتاي بازىرىنى داۋاملىق ئېچىش، ئۇ يەردە يېڭى زاۋۇتلارنى قۇرۇش» ھەققىدە سۆز قىلغان ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زاۋۇتلىرىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى رەت قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەييۇر قۇربان باياناتتىكى سۆزىدە «مەزكۇر شىركەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زاۋۇتلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمايلا قالماستىن، بەلكى يەنە خىتايدا تېخىمۇ كۆپ زاۋۇتلارنى ئاچماقچى بولۇشى، مەجبۇرىي ئەمگەك خەۋپىنى كۈچلەندۈرىدۇ» دېگەن.

گېرمانىيەنىڭ داڭلىق خىمىيە سانائەت ماگناتلىرىدىن BASF شىركىتى 2016-يىلى 1-ئايدا «شىنجاڭ ماركور خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى» بىلەن شېرىكلىشىپ كورلادا پول سىلىقلىغۇچ، سىر ۋە باشقا ئېرىتكۈچى مەھسۇلاتلارنى ياساشقا ئىشلىتىدىغان خىمىيەلىك ماددا بۇتانېدىئول (BDO) زاۋۇتىنى ئاچقان. شۇ يىلى 7-ئايدا «شىنجاڭ ماركور خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى» بىلەن كورلا ئىقتىسادىي-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا يەنە سۈنئىي تالانىڭ مۇھىم خام ئەشياسى بولغان خىمىيەلىك ماددا (Poly THF)، يەنى پولىتېترامېتىلېن ئېفىر گلىكول (Polytetramethylene Ether Glycol) ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى قۇرغان. گېرمانىيەدىكى «سودا گېزىتى» «Handelsblatt» 2023-يىلى نويابىردا ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا باسف نىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى شېرىكى بولغان «شىنجاڭ ماركور خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى» دە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان ئىدى.

غەييۇر قۇربان بۈگۈنكى سۆزىدە، BASF شىركىتىنى جاۋاب بېرىشكە چاقىرىپ، «شىركەت ئۆزىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ كەلگۈسىدە مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقى» نى چۈشەندۈرۈشى كېرەك، دېگەن.